سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئالتاي ئايرودۇرۇمى ۋاقتىنچە تاقىلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-17

    16-مارت، مۇخبىرنىڭ ئالتاي ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، ئالتاي ئايرودۇرۇمى كېڭەيتىلىدىغان بولغاچقا 1 - ماي سائەت 0 دىن باشلاپ ۋاقتىنچە تاقىلىدىكەن. 1-مايدىن 20-سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچىدىن ئالتايغا ئۇچىدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلار بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 15-مايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-قاناس لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

    تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ قېتىملىق كېڭەيتىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتا ئۇچۇش سۇپىسى شەرققە 2800 مېتىر ئۇزارتىلىپ، A320,B737 تىپىدىكى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە لايىقلاشتۇرۇلىدىكەن. 2025-يىلىغا بارغاندا 800 مىڭ ئادەم/قېتىم يولۇچىنى كۈتۈۋالالايدىغان سەۋىيەگە يېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. ئايروپورت بىناسىنىڭ كۆلىمى 7550 كىۋادرات مېتىر، ئۇچۇش مەيدانى ئون ئايروپىلاننى سىغدۇرالايدىغان قىلىپ يېڭىدىن ياسىلىدىكەن.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001361370561