سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2017-يىلى شىنجاڭ جەمئىيەتتىن 5435 نەپەر مەمۇر، خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-17

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش

    2017-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پىلانلىغان جەمئىيەتتىن ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق ئاشكارا ھالدا 5435 نەپەر مەمۇر، خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتى 20-مارت باشلىنىدۇ. 

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىلقى ئىش ئورۇنلىرى ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك ھەرخىل ئورگانلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۈزلەندۈرۈلگەن، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك ئىش ئورنى ئومۇمىي ئىش ئورنىنىڭ %80.1ىنى؛ سىياسىي-قانۇن سىستېمىسى ئىش ئورنى ئومۇمىي ئىش ئورنىنىڭ % 24.3ىنى، ئاز سانلىق مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تاللىسا بولىدىغان ئىش ئورنى ئومۇمىي ئىش ئورنىنىڭ % 75ىنى ئىگىلەيدىكەن.

   ئىمتىھاننىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى 20-مارت سائەت 10:30دىن 26-مارت سائەت 18:30غىچە، ھەق تۆلەش ۋاقتى 20-مارت سائەت 10:30دىن 27-مارت سائەت 18:30غىچە ئىكەن. يازما ئىمتىھان 22-، 23-ئاپرېل كۈنلىرى ئېلىنىدىكەن، ئىيۇندا يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، بەدەن ئىقتىدارىنى ئۆلچەش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، كۆزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن، قوبۇل قىلىش خىزمىتى نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىدىكەن.

   قىزىققۇچىلار شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتى (http://www.xjrsks.com.cn)گە كىرىپ تىزىملاتسىمۇ، شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى (http://www.xjkunlun.cn)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.gov.cn) ۋە ياكى شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn)غا كىرىپ تىزىملاتسىمۇ بولىدىكەن.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001361363781