سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام››نى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش يىغىنى ئاچتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-27

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام››نى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش يىغىنى ئاچتى

    يىغىنغا چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئالاقىدار بىرقانچە مىزان››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى››نى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش يىغىنى ئاچتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپ لى پېڭشىن ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار ئۆگىنىش يىغىنىغا قاتناشتى.

    مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قانۇن – نىزام ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما سېنشۇ مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى. ما سېنشۇ پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەننىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن – نىزام ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداش، ‹‹نىزام››نى تۈزىتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار، ‹‹نىزام››نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى قاتارلىق تۆت جەھەتتىن ھەر بىر باب، ھەر بىر ماددىنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ‹‹نىزام››نى تۈزۈشنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، مۇھىم ئەھمىيىتى، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ۋە كونكرېت مەزمۇنىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئاپتونوم رايوندىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى بۇ ئىككى نىزامنى ئەتراپلىق چۈشىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن جانلىق دەرس ئۆتتى.

    چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹‹مىزان›› ۋە ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، پارتىيەنى ئىدىيە، تەشكىلىي، تۈزۈم جەھەتتىن قۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش، پارتىيەنى باشتىن – ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام››نى چوڭقۇر، ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

    بىرىنچى، ئەتراپلىق ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش كېرەك. ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ ياخشى چىڭ تۇتۇش ھەم بۇنى پۇرسەت بىلىپ ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››قا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشى ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى ۋاقىت ۋە زېھىننى يىغىپ، ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام›› نى تولۇق، قايتا – قايتا، ئەتراپلىق، ھەر بىر باب ۋە ھەر بىر ماددا بويىچە ئۆگىنىشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كوللېكتىپ ئۆگىنىش، ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش، يېتەكلەش، مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىش، توردا كېڭەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك؛ ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام››نى مۇھىم تەربىيەلەش مەزمۇنى قىلىپ، قارار ۋە تۈركۈمگە ئايرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھاكىم ۋە باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىشى؛ كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، ‹‹مىزان›› ۋە ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىش – ئىزچىللاشتۇرۇش، قوغداش – ئەمەل قىلىش، نازارەت قىلىش – ئەمەلىيلەشتۈرۈش قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

    ئىككىنچى، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش – ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەخىرسىزلىك ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بېسىم شەكىللەندۈرۈش، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئارقىلىق ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام››نىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى سىياسىي مۇھىت يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سىياسىي مەسئۇلىيەت بىلەن رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار 1 – جاۋابكار بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى، دادىل چىڭ تۇتۇشى ۋە باشقۇرۇشى، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى ۋە باشقۇرۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىدىكى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشى ھەم تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىشى، كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇشى، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى چىڭىتىشى، بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەر، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى تېخىمۇ چىڭىتىشى كېرەك.

    ئۈچىنچى، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆز ئىش ئورنىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى ئېنىق تونۇشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە بىردەكلىكنى ساقلىشى، ئۆزىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا ئاتاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشى، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بويىچە ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام››نى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ ئۆگەنگىنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى، ئەمىلى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى پارتىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئۆلچەم بويىچە ئۆزىگە تەلەپنى تېخىمۇ قاتتىق قويۇشى، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشى، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك؛ سىياسىي تۇرمۇشنى باشلامچىلىق بىلەن چىڭ باشقۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشى، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭ گەرچە پايتەختىمىز بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار، ھەر مىللەت ئامما باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، باشتىن – ئاخىر ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تۈرلۈك قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلامچى بولۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەتنى قوبۇل قىلىپ، ھوقۇقنى تۈزۈم نازارىتىگە ئېلىشى كېرەك.

    تۆتىنچى، بىرلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئۇنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات – مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ روھى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشى، ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئەمەلىي نەتىجىسىنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نامايان قىلىشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى مۇھاپىزەت ئىدارىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش يىغىنىغا قاتناشتى.(تامام)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001360881531