سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مۇقىملىقنى ھەر ۋاقىت چىڭ تۇتۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا، ھەرمىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-22

     چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىدە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى يوشۇرۇن تەكشۈرگەن ۋە زىيارەتتە بولغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

    مۇقىملىقنى ھەر ۋاقىت چىڭ تۇتۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا، ھەرمىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى داۋان شىمالىي يولى ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى دېلو مەلۇم قىلىش نۇقتىسىغا تېزلىكتە يېتىپ كەلگەن ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم يولداشلارنىڭ جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى

  ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلماي، ۋاقىتلىق لىنىيە بېكىتىپ تەكشۈرۈش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم – ئايرىم ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قوماندانلىق مەركىزىگە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى تۇيۇقسىز يوشۇرۇن تەكشۈردى ۋە زىيارەتتە بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەمىز بىلەن ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، ھەر ۋاقىت كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ‹‹بىرىكمە مۇشتى››غا ئائىت تەدبىرلەرنى يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ ۋە كونكرېتلاشتۇرۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بىللە بولدى.

 چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى داۋان شىمالىي يولى ئوتتۇرا بۆلىكىگە يېتىپ كېلىپ، خىزمەتچى خادىملارنى ماشىنىنى يول ياقىسىدا ۋاقىتلىق توختىتىپ، ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىشقا بۇيرىدى، 54 سېكۇنتتا 081–TS نومۇرلۇق خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى ساقچىلار ئەڭ تېز سۈرئەتتە دېلو مەلۇم قىلغان نۇقتىغا يېتىپ كەلدى. ئىككى مىنۇت ئىچىدە 064–TS نومۇرلۇق ۋە 066 – نومۇرلۇق خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى ساقچىلار بىلەن تېز ئىنكاس قايتۇرۇش كىچىك ئەترىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياردەمچى قوشۇن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. چېن چۈەنگو ج خ ساقچىلىرى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يولداشلارنىڭ جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل كۈچلەر بىر سېكۇنت بۇرۇن كەلسە، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكى تېخىمۇ ئاشىدۇ. جەزمەن مەۋقەنى ئەمەلىي كۈرەشكە قويۇپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنسىز جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىش بوشلۇقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تارايتىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 ئارقىدىن چېن چۈەنگو 175–TS نومۇرلۇق خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا كېلىپ، ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكىلەرنىڭ نۆۋەتچى تۇرۇش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييار تۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. مەھەللە ئاھالىسى لۇ جۈنخۇا خەلق ساقچىلىرىغا لەۋھە تەقدىم قىلىپ، ساقچىلارنىڭ چاغان ھارپىسىدا سۇ تۇرۇبىسىنى ئوڭشىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىۋاتاتتى. ‹‹مەھەللىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەھۋالى قانداق؟ ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ خىزمىتىدىن رازى بولدۇڭلارمۇ – يوق؟›› دەپ تەپسىلىي سورىدى چېن چۈەنگو. لۇ جۈنخۇا ھاياجانلانغان ھالدا: ساقچىلار بولمىغان بولسا بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى چاغان ھارپىسىدىكى جەم بولۇش تامىقىنى يېيەلمىگەن بولاتتۇق، ئادەتتە ساقچىلارنىڭ كوچىدا چارلاپ ماڭغىنىنى كۆرسەك كۆڭلىمىز بەك خاتىرجەم بولىدۇ، دېدى. چېن چۈەنگو نۆۋەتچى ساقچىلاردىن تەۋەلىكىدىكى نوپۇسنى باشقۇرۇش، كوچىدا چارلاش، ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا نۆۋەتچى تۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹‹خەلق ساقچىلىرى خەلقنى ئويلاش››تا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا پۈكۈپ، جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا قەتئىي يۈز خاتىر قىلماي زەربە بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

 ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەنتەربىيە يولىغا كەلگەندە، چېن چۈەنگو ئۆزى خالىغان بىر تاماقخانىغا كىرىپ، ئاممىۋى سورۇننىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. چېن چۈەنگو خوجايىن ھەم ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىدىن جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرى، مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرى ۋە ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي سورىدى، كۆپچىلىكنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا دائىر پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەت بولمىسا بەختلىك ياخشى تۇرمۇش بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مۇقىملىق خىزمىتىدە ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىغا ھەممە كىشى قاتنىشىش، بەختتىن ھەممە كىشى تەڭ بەھرىمەن بولۇشتەك كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ چوڭ زالىدا خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان رەھبەرلەر ۋە نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان خادىملار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى جىددىي، تەرتىپلىك، سىجىل قانات يايدۇرۇۋاتاتتى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم سىنلىق قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ھەر قايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزىدىكىلەرنى يوقلىما قىلىپ، نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان خادىملارنىڭ ئىش ئورنىدا بار – يوقلۇقىنى ئىگىلەپ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا دائىر ئەھۋاللارنى سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىشلەۋاتقان پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي، ساقچى، ئەسكەر ۋە خەلق قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپ كۈچلىرىدىن، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان ۋە مەدەت بېرىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقتىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

 چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەر بىردەك باش نىشان بويىچە ئىدىيەنى، تونۇشنى، قەدەمنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى كەم – كوتسىز ياخشى ئېتىپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ساقلىشى، ھەر مىللەت ئاممىنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش مۇھىتىغا ئىگە قىلىشى، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

 بىرىنچى، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ھەر ۋاقىت چېلىش، قەتئىي توختاتماسلىق كېرەك. شىنجاڭ دۇچ كەلگەن كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقى، رېئال ھەم تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇش، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە چېلىش، ھوشيارلىقنى ھەر ۋاقىت ساقلاش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان كەسكىن ۋەزىپە دەپ بىلىش، كۈلپەت ئېڭى، كىرىزىس ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەلەي سىناش، بىخودلۇق قىلىش ئىدىيەسىنى ھەم بوشاڭلىق قىلىش، بىزار بولۇش كەيپىياتىنى يېڭىش، ئۇزاققا سوزۇلغان كۈرەش قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش، ھەر ۋاقىت تەييار ھالەتتە تۇرۇش، دۈشمەن كۈچلەر ۋە بۆلگۈنچىلەرگە قەتئىي يوچۇق قالدۇرماسلىق كېرەك.

 ئىككىنچى، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى قەتئىي ياخشى ئېتىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، تەشەببۇسكارلىق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹ئالتىنى چىڭ تۇتۇش››، ‹‹بەشنى چىڭ باشقۇرۇش››، ‹‹تۆتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك، قەتئىي بىپەرۋالىق قىلماسلىق، قەتئىي ئىككىلەنمەسلىك، قەتئىي ياسالمىلىق قىلماسلىق، شۇنىڭدەك يوچۇق، قارىغۇ رايون، كونترولسىز نۇقتا بولماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە لىنىيەسى ۋە پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەم قۇرۇش كېرەك.

 ئۈچىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل مائارىپى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش؛ كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈشى، ئامما ئارىسىغا چۆكۈشى، ئامما بىلەن ئالاقە قىلىشى، ئاممىنى چۈشىنىشى، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ ۋە قوزغاپ، ئاممىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىگە تايىنىدىغان، ئامما ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشكە قاتنىشىدىغان مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

 تۆتىنچى، تېز بىر تەرەپ قىلىش، قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. شەھەر – يېزىلارنىڭ مۇداپىئەلىنىش – تىزگىنلەش تورىنى ياخشى قۇرۇش، چارلاش – تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، كوچىدا ساقچىلارنىڭ چارلاش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، تېز بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مەۋقەنى ئەمەلىي كۈرەشكە قويۇش، تەرتىپنى سەرخىللاشتۇرۇش، مانېۋىر قىلىش ۋە مەشىقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ چىقىش، ئالدىدا مېڭىش، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ قانۇن بىلەن ئوينىشىشقا، قانۇن ئالدىدا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا پېتىنغان، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن، زىيان سالغان زوراۋان – تېررورچىلارغا قەتئىي زەربە بېرىش، قاتتىق قول بولۇش، قەتئىي بىتچىت قىلىش ۋە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە ھەل قىلغۇچ، ئۈزۈل – كېسىل غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىناقلىق، مۇقىملىق ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001360760541