سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى ئۆستى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-17

   15-فېۋرال سائەت نۆلدە، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن ۋە دىزېل مېيىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئاز نىسبەتتە ئۆستى. شۇنىڭ بىلە بىللە ئۈرۈمچىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 0.04 يۈەن ئۆسۈپ، باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن ھەر لىتىر بېزىننىڭ باھاسى 6.45 يۈەن بولدى.

    مۇشۇ قېتىملىق باھا تەڭشەشتىن كېيىن 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 0.04 يۈەن ئۆسۈپ، 6.45 يۈەن بولدى.

    95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 6.93 يۈەندىن 6.97 يۈەنگە ئۆسۈپ، ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.04 يۈەن ئۆستى.

    98-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 7.77 يۈەندىن 7.82 يۈەنگە ئۆسۈپ، ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.05 يۈەن ئۆستى.

    0-نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 5.97 يۈەندىن 6.01 يۈەنگە ئۆسۈپ، ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.04 يۈەن ئۆستى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001360648931