سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي-مۈلۈك سودا مەركىزى ئائىلىلەرگىچە مۇلازىمەت قىلىپ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-17

    15-فېۋرال، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى سودىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى مۇبارەك ئالىم (سولدا) بىلەن ئاينىسا غاپپار (ئوڭدا)، قۇياش نۇرى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە كېلىپ، گاۋ شيۇيۈنگە ئۆي-مۈلۈكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ئالاقىدار كەسىپلەرنى تونۇشتۇردى.

    نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي -مۈلۈك ھوقۇقى سودىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى ياشانغانلار، ھامىلدارلار قاتارلىق نەق مەيدانغا بېرىپ كەسىپ بېجىرىشى قولايسىز بولغان شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئائىلىلەرگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويغان بولۇپ، كۆپچىلىك (6263606-0991) غا تېلېفون ئۇرۇپ ئالدىن كېلىشىپ، ئائىلە ئەزالىرى ۋاكالىتەن كەسىپ بېجىرىش زالىغا بېرىپ جەدىۋەل تولدۇرۇپ، ماتېرىيال يوللىسا، خىزمەتچى خادىملار ئائىلەرگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك كەسپىلەرنى تېز ھەم ئاسانلا بېجىرىپ بېرىدىكەن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001360648921