سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››تېمىسىدىكى تەربىيە كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-17

    ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› تېمىسىدىكى تەربىيە كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. بۇ كۆرگەزمىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنى قوغداش، ئېچىش، گۈللەندۈرۈش يولىدىكى جانلىق كارتىنىلىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇقۇشىمىزچە، بۇ تەربىيە كۆرگەزمىسى بەش قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ۋاقىت تەرتىپى بويىچە مۇھىم تارىخىي ئىشلار، مۇھىم شەخسلەر، مۇھىم پائالىيەتلەر ئاساسىي گەۋدە قىلىنىپ، 300دىن ئارتۇق سۈرەت، 130دىن ئارتۇق بۇيۇم تاللاپ كۆرگەزمە قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قىلغان غەمخورلۇقى، شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، مىللەتلەرنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈۋاتقانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن نامايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق ھىمايە قىلىۋاتقانلىقى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شۆجۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيغا كېلىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› تېمىسىدىكى تەربىيە كۆرگەزمىسىنى كۆردى. بۇ كۆرگەزمىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت30 :9دىن30 :11گىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 30:1دىن 30:3گىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيغا بېرىپ كۆرسە بولىدىكەن. كەسپىي چۈشەندۈرگۈچىلەر كۆرگەزمە مەزمۇنىنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001360648911