سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

كادىرلاردىكى ئىستىل دۇرۇس بولماسلىقتىن ئىبارەت تېخىمۇ چوڭ بۇ دۈشمەننى پۈتۈن كۈچ بىلەن بويسۇندۇرۇش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-17

     باش باھاردا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشقا باشلىدى.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹‹پارتىيە ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازى، ئۇ خەلق رايىنىڭ مايىل بولۇش – بولماسلىقىغا، پارتىيەنىڭ ھايات – ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك››. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر جەزمەن ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە بىلەن خەلق ئارىسىدىكى يوشۇرۇن توسۇقنى يوقىتىشى كېرەك. ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى ‹‹ئون تۈرلۈك پەرمان››نى بۆسۈش ئېغىزى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى تۈگىتىشنى نىشان، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تۇتقا قىلىپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە ئىستىلى بويىچە چېنىقتۇرۇپ، جەمئىيەتتە يېڭى ئىستىل، يېڭى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

    باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

    شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىستراتېگىيەلىك توسۇق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىلدى. ئىككى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەتەرگە دادىل يۈزلىنىپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بىر باش نىشان››نى پۇختا تۇرغۇزۇش، ‹‹بىر جان تومۇر››نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ‹‹ئىككى مۇھىم نۇقتا››نى ئىگىلەش، ‹‹بىر مېخانىزم››نى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ‹‹تۆتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش››، ‹‹بىر ياخشى ۋەزىيەت›› يارىتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي تەلەپ، بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان باش نىشاننى چۆرىدەش تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

    نىشان قانچە ئېنىق، ئارزۇ قانچە تەخىرسىز بولغانسېرى، كادىرلار قوشۇنىغا قويۇلىدىغان تەلەپ شۇنچە گەۋدىلىك بولىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جەزمەن كادىرلاردىكى ئىستىل دۇرۇس بولماسلىقتىن ئىبارەت تېخىمۇ چوڭ بۇ دۈشمەننى پۈتۈن كۈچ بىلەن بويسۇندۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    پارتىيەنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. غايە – ئېتىقادنىڭ مەنىۋى ئوزۇقىنى ياخشى تولۇقلاشتا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە بولغان سادىقلىقنى پارتىيەگە بولغان ئېتىقاد جەھەتتىكى سادىقلىقتا نامايان قىلىش كېرەك. غايە – ئېتىقادتىن ئىبارەت ‹‹باش ۋىكليۇچاتېل››، ‹‹باش كىلاپاننى›› نى چىڭ ئىگىلەپ، مەنىۋى ‹‹ئوزۇق››نى ياخشى تولۇقلاپ، ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشتە ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نىڭ ئىدىيەۋى مەنبەسىنى قېزىپ چىقىپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش داۋامىدا ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى تەكشۈرۈپ، كەسكىن پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇشتا پارتىيەۋىلىك قارىشىنى كۈچەيتىپ، مەنبەدىن تولۇقلاپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەگە بولغان ئېتىقادىنى تايانچ قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئەلرايى ۋە خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇستەھكەم قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

    ئەمەلىي بولۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ساختىپەزلىك ۋە بىپەرۋالىق قىلىش كەيپىياتىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىشتا، راست سۆزلەش، غەيرەتكە كېلىش، چارە تېپىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، خىزمەتلەرنى بىرمۇبىر ئىلگىرى سۈرۈش، ھالقىمۇھالقا چىڭ تۇتۇش، مەسىلىنى بىرمۇبىر ھەل قىلىش، تۈرلەرنى بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىشلارنى بىرمۇبىر ياخشى بېجىرىش، ‹‹ئەمەلىي بولۇش››نى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ لاياقەتلىك بولغان – بولمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان سىنتاشقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

    پاك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. سىياسىي خىسلەتنى باشتىن – ئاخىر ساقلاشتا، شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولسىمۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، چەكلەنگەن رايون قالدۇرماسلىق، مۇستەسنا بولماسلىق كېرەك. توغرا كەيپىيات تۇرغۇزۇش، ئىستىل دۇرۇس بولۇش، ئىشنى پاكىز قىلىش، پاك ئەمەلدار بولۇش، ئادىل بولۇش، سىياسىيدا پاك بولۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە تەشكىلىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

    دۇرۇس بولۇشنى تەكىتلەش كېرەك. ئىستىلنى قەتئىي دۇرۇس، كەيپىياتنى توغرا قىلىشتا، ياۋاش، كەڭ قورساق، دۇرۇس بولۇش ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، پارتىيەنى باشتىن – ئاخىر قەلب تۆرىگە پۈكۈش، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى 1 – ئورۇنغا قويۇش، ئوچۇق – ئاشكارا، سەمىمىي، سۆز – ھەرىكىتى ۋە تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولۇش، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاددىي – ساددا خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش، يوشۇرۇن قائىدىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى، يولى ۋە بازىرىنى يوقىتىش كېرەك.

    دادىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ھەر ۋاقىت نامايان قىلىش، ‹‹خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان››، ھالقىلىق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان، قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان، خىرىس ئالدىدا بەل قويۇۋەتمەيدىغان، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانى مۇستەھكەم، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھەر ۋاقىت بايرىقى روشەن، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىدە قىيىنچىلىققا دادىل يۈزلىنەلەيدىغان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قىيىنچىلىققا دادىل تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇش كېرەك.

    پائالىيەتتە ئۈچ مۇھىم ھالقىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك

    ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسى ئۆگىنىشتە، يەنى پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك.

    ئۆگىنىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىشنى بىلىش كېرەك. قەدىمكىلەر: ‹‹ۋاقىتنى قەدىرلەپ ئىجتىھات بىلەن ئۆگەنگەن كىشى كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەيلا قالىدۇ›› دېگەن. بۇنىڭدا ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇش، پەيتنى قولدىن بەرمەي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۆگىنىش كېرەكلىكى ناھايىتى ياخشى شەرھلەنگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتە، سۆزنىڭ تولۇق تېكىستىنى ياخشى ئوقۇش، قائىدە – پىرىنسىپلارنى ياخشى ئىگىلەش، ئەتراپلىق، ئۈزۈل – كېسىل ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئىگىلەش كېرەك.

    پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى نۇقتىلىق ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ جېنى، ‹‹باش قوماندانى››، ئۇنىڭدا ئۇلۇغ ئىشلار بىلەن ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ بىرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ بىرلىكى نامايان قىلىنغان؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشتە باش نىشاننى نۇقتىلىق ئىگىلەش كېرەك. باش نىشان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا چىقارغان ئىلمىي قارار، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىدۇر. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە باش نىشاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى جەھەتتىكى مەزمۇننى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرغاندىلا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

    ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئىستىلنى ياخشىلاش ئاچقۇچ. ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى تۈگىتىپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. شۇجى چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: ‹‹<ئۈچ خىل كۈچ> شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئىستىلدا دۇرۇس بولماسلىق تېخىمۇ چوڭ دۈشمىنىمىز››. پارتىيە ئىستىلى دۇرۇس، خەلقنىڭ روھىي ھالىتى ياخشى بولسا، پارتىيە ۋە خەلق جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولالايدۇ.

    ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تەربىيەسى ۋە ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسى ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش، غايە، ئېتىقادنى چىڭىتىش ياكى ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى، روھىي ھالىتى ۋە ئومۇمىي ئىستىلى ياخشىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باشلامچىسى ۋە تايانچىغا ئايلاندى. لېكىن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىستىلىدا يەنىلا نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەر، يەنى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىكتىن ئىبارەت ‹‹تۆت خاھىش›› ۋە ‹‹كاززاپلىق››، رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق، ئەستايىدىل بولماسلىق، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››تىن ئىبارەت ‹‹تۆت كەيپىيات›› ساقلانماقتا. شۇجى چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىستىلنى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ياخشىلاپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، كادىر بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۆز – ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، تۈزىتىپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات›› مەسىلىسىنى بىر قېتىم چوڭ تەكشۈرۈپ، مەسىلىنى چوڭقۇر قېزىپلا قالماي، سەۋەبىنى توغرا تېپىپ، مەسىلىلەرنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرىنى بىر – بىرلەپ تىزىپ، مەسىلىنىڭ زىيىنىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىشى؛ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى بىرمۇ بىر ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر – بىرلەپ چىڭ تۇتۇپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىشى، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىشى، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىشى كېرەك. ئىستىلنى ياخشىلاش جەھەتتە پائالىيەتنى ئوچۇق – يورۇقلۇق بىلەن قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ پىكىر – تەلەپلىرىنى ئاڭلاش كېرەك. ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، مەسىلىلەرنى تېپىش، ئاممىنىڭ ساداسىنى چۈشىنىش ئارقىلىق تۈزەش لايىھەسىنى بېكىتىپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي تىرىشىش كېرەك.

    ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت. باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شاۋقۇن ۋە كاشىلىنى تۈگىتىپ، ئىدىيە ۋە زېھنىنى باش نىشانغا قويۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كەم – كوتسىز چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارىتا ‹‹ئىككى قولدا تۇتۇش››مېخانىزمى ئورنىتىپ، بىر قولدا مۇقىملىقنى، بىر قولدا تەرەققىياتنى تۇتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى، يەنى ‹‹ئالتىنى چىڭ تۇتۇش››، ‹‹بەشنى باشقۇرۇش››، ‹‹تۆتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئىنچىكە، مۇرەككەپ كونكرېت خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بىرمۇ بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بىر – بىرلەپ تاماملىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىن خىزمىتى تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، مەسچىت ۋە دىنىي زاتلار، دىنىي پائالىيەتلەرگە دائىر تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئاسراپ ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› قاتارلىقلارنى سىجىل، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىز پائالىيەت داۋامىدا، توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇلارغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

    ياخشى، ئەمەلىي تۇتۇش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك

    ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات›› قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرنى تۈزەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى ياخشى، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش كېرەك. ‹‹سۇنىڭ بېشى سۈزۈك بولسا، ئايىغىمۇ سۈزۈك بولىدۇ››. ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش››مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەقىقىي ئۈنۈم يارىتىش جاسارىتى بىلەن پائالىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)شۇجىلىرى 1 – جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، قاتلاممۇ قاتلام بېسىم قىلىپ، شەكىلۋازلىق، رەسمىيەتچىلىكنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، مەخسۇس پائالىيەتنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ‹‹بىرىنچى قول›› رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەتنى مەدھىيەلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، پائالىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، دەرىجىمۇ دەرىجە ئۈلگە بولۇپ، سۆزنى سىياسىي بۇرچ بىلەن ئۆگىنىشى، ئىستىلىنى كونكرېت مەسىلىلەر ئارقىلىق ياخشىلىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نىشان، ۋەزىپە بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى، سۆزنى ھەقىقىي ئۆگىنىشى، ئىستىلنى ئەمەلىي ياخشىلىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشى، ‹‹دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن شەخسىي مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىش›› روھى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، داغدام يول ئېچىپ، دادىل مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، بارلىقىنى بېغىشلاپ، تۆھپە قوشۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئۈلگە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

    يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننىڭ كويىدا بولۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتلاملار بويىچە ئايرىپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجە، ساھە، ئوبيېكتلارغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، كونكرېتلاشتۇرۇش، تەپسىلىيلەشتۈرۈش، پەرقلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يۈزەكى قىزغىن بولۇشقا، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››قا قارشى تۇرۇشتا شەكىلۋازلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ‹‹تېلېكامېرا›› ئارقىلىق كۈندە كۆزىتىش، ‹‹قاراۋۇل›› كۈندە چارلاش، كەينى – كەينىدىن ‹‹ئۇشتۇمتۇت قايتۇرما زەربە بېرىش›› ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەم ۋە قاتتىق تەلەپنى مەخسۇس پائالىيەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

    ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى. ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەخسۇس پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، مەخسۇس پائالىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۈنۈمىنى، ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى ساغلام، ئاقىلانە يولغا يېتەكلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك ھەققانىيەت ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداش، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەش چوڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشىمىز كېرەك.

    ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇر، مەسئۇلىيىتى زور، ۋەزىپىسى ئېغىر. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، دىنلار ئىناقلىقى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى قەتئىي جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى!(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001360648841