سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قول تۇتۇشۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇداپىئە سېپىلىنى بەرپا قىلايلى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-17

     ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈش، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش›› تېمىسىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى 2 – ئاينىڭ 16 – كۈنى خوتەندە ئېچىلدى. شۇ كۈنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى ‹‹پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز! جەڭدە غەلىبە قىلىمىز! ئېسىل ئىستىلىمىزنى جارى قىلدۇرىمىز!›› دېگەن جاراڭلىق قەسەم سادالىرى خوتەن شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق مەيدانىنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن جەڭدە غەلىبە قىلىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

    موتوسىكلىت، بىرونېۋىك، زەربىدار ئاپتوموبىل قاتارلىق قوراللىق چارلاش ئاپتوموبىللىرىنىڭ خوتەن شەھىرىنىڭ ئاساسلىق كوچا ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلىرىدىن ئۆتۈشى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ‹‹ۋەتەننىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ!››، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز!››، ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت، ساقچى، خەلق قەلبداش بولۇپ، جىنايەتچىلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغدايمىز!›› دېگەن كىشىنى روھلاندۇرىدىغان تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى ۋە شوئارلار كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

    خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىگۈچى 1 – چوڭ ئەترەتنىڭ باشلىقى مەمەتئېلى ئوبۇل مۇنداق دېدى: مەن خوتەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئۆيۈم ئىتتىپاق مەيدانىغا يېقىن، يۇرتىمىزدىكى خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بىزنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىمىز. ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتىدە ئىشلىگىلى 12 يىل بولدى، تارماق ئەترىتىمىز ئاساسلىقى، خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خوتەن شەھىرىدە چارلاش، مۇداپىئە كۆرۈش – تىزگىنلەش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل. زېھنىمىزنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى كۆزلەش، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىزنىڭ يۈكسەك بۇرچىمىز ۋە ۋەزىپىمىز. بىز چوقۇم روھىمىزنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، قاتتىق مەشىق قىلىپ، ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، يۇرتىمىزنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. كۈندىلىك چارلاشتا پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىققا شۇنچە تەلپۈنىدىغانلىقىنى تولۇق ھېس قىلالايمىز، پۇقرالارنىڭ ئويلىغانلىرى، ئارزۇ قىلغانلىرى دەل بىزنىڭ ھەرىكەت نىشانىمىز. بىز چوقۇم مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز، بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلالىشىمىزغا ئىشەنچىمىز كامىل، قۇدرىتىمىز يېتىدۇ.

    قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ جەڭچىسى جاڭ ياۋفېڭ مۇنداق دېدى: قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىز بىزگە ئارقا تىرەك بولغاچقا، ھەر قانداق جەڭدە غەلىبە قىلالايمىز. ئادەتتە چوقۇم مەشىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئالدىدا مېڭىپ، بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

    خوتەن شەھىرى ئىتتىپاق مەيدانىنىڭ سىرتىدا 16 ياشلىق رايىلە داۋۇت قوراللىق چارلىغۇچى ئاپتوموبىللارنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋەتىنىمىز ئىنتايىن قۇدرەتلىك ئىكەن، مۇشۇنداق جەڭگىۋار قوشۇن بولغان يەردە ئۆزۈمنى ئىنتايىن بىخەتەر ھېس قىلىمەن. يېقىندا يۇرتىمىزدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىدىن تولىمۇ بىئارام بولدۇم، شۇنداقلا ئاشۇ زوراۋان، تېررورچىلارغا قاتتىق نەپرەتلەندىم. گەرچە ئوقۇغۇچى بولساممۇ، كۈچ جەھەتتىن ئاجىز بولساممۇ، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلايمەن، مەكتىپىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ 25 ياشلىق دوختۇرى ئابدۇسەمەت ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: زوراۋان – تېررورچىلارغا يۇقىرى ھالەتتىكى چۆچۈتۈش بېسىمى قوللىنىش كېرەك. ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بولمىسا پۇقرالارنىڭ بەختلىك بولۇشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ.

    نەۋرە قىزىنى ئويناتقىلى ئىتتىپاق مەيدانىغا كەلگەن شۇ سۇلەن قوراللىق چارلىغۇچى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەيۋەت بىلەن مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: زوراۋان – تېررورچىلار كوچىدىن ئۆتكەن چاشقانغا ئوخشايدۇ، ئۇلار زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك جاجىسىنى يەيدۇ. بىز پۇقرالار مۇقىملىقنى ساقلايدىغان بۇنداق قۇدرەتلىك كۈچنى كۆرۈپ روھىمىز كۆتۈرۈلدى ۋە ئۇرغۇدى، بىخەتەرلىك تۇيغۇمىز تېخىمۇ ئاشتى! خوتەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق گۈزەل ماكانى، بۇ يەردىكى كىشىلەر زوراۋان – تېررورچىلاردىن قورقۇپ قالمايدۇ، بەلكى كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ. بىز ھەر كۈنى كەچتە ئىتتىپاق مەيدانىغا ئۇسسۇل ئوينىغىلى، يەنە بالىلىرىمىز بىلەن كەچلىك بازارغا تاماق يېگىلى بارىمىز. خوتەننىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز، ھەر بىرىمىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن يۇرتىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

    قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ چارلىغۇچى ئاپتوموبىللىرى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، 77 ياشلىق جاڭ يوڭجى بىر ئۇيغۇر بوۋاينىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلەشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: خوتەنگە كەلگىنىمگە 50 نەچچە يىل بولدى، ئۇيغۇرچە ئاددىي سۆزلەرنى دېيەلەيمەن. بايا قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ئۇيغۇر بوۋاينى تونۇمايمەن، بىز پەقەت دائىم مۇشۇ ئەتراپتا سەيلە قىلغاچقا، ئۇچرىشىپ تۇرىمىز، بەزىدە پاراڭلىشىپمۇ قالىمىز، دېدى. ئۇ يەنە كەسكىن تەلەپپۇزدا مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت خەلق ئىناق ئۆتسەكلا جەمئىيەت چوقۇم ئىناق، مۇقىم بولىدۇ. بۆلگۈنچىلەرنىڭ سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ!(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001360648791