سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئامېرىكىدا ساياھەت قىلىۋاتقان مۈشۈكئېيق ‹‹ باۋ باۋ›› پات ئارىدا ۋەتەنگە قايتىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-17

   16-فېۋرال، ساياھەتچىلەر ئامېرىكا ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ھايۋاناتلار باغچىسىدا مۈشۈكئېيىق ‹‹باۋ باۋ››نى تاماشا قىلماقتا. ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مۈشۈكئېيىق ‹‹باۋ باۋ›› 21-فېۋرال ۋەتەنگە قايتىدىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ھايۋاناتلار باغچىسى 16-فېۋرالدىن 20-فېۋرالغىچە مۈشۈكئېيىق بىلەن خوشلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ‹‹باۋ باۋ›› بىلەن  خوشلاشقىلى كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن. ‹‹ باۋ باۋ›› 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ھايۋاناتلار باغچىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى «تيەن تيەن» بىلەن «مېي شياڭ» 2000-يىلى جۇڭگودىن ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ھايۋاناتلار باغچىسىغا كەلگەن.

(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001360643411