سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

20 دۆلەت گۇرۇھى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى گېرمانىيەدە باشلاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-17

    شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 16-فېۋرال، ۋەكىللەر گېرمانىيەنىڭ بون دېگەن يېرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى شۇ كۈنى گېرمانىيەنىڭ بوندا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر 2030-يىللىق سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تىنچلىقنى قوغداش، ئافرىقا بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئۈچ تېمىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، بۇ يىل 7-ئايدا ئېچىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق كۆردى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001360643221