سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

باش باھاردا چارۋىچىلار تۆل ئېلىش مەزگىلىدىكى بېسىق مەزگىلنى كۈتۈۋالدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-16

  15-فېۋرال، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئۇلاتجوڭ خوشۇنى گەنچىمادۇ بازىرىدىكى چارۋىچى نارېنتۇيا قوتاندا قوزىلارنى ئوزۇقلاندۇرماقتا. ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئىچكى موڭغۇل ئۇلات يايلىقىدىكى چارۋىلار تۆللەشكە باشلاپ، چارۋىچىلار تۆل ئېلىش مەزگىلىدىكى بېسىق مەزگىلنى كۈتۈۋالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇلاتجوڭ خوشۇنىدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قوتان قۇرۇلۇشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، چارۋىچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىلدى. ھازىرغا قەدەر پۈتۈن خوشۇندا  566 مىڭ تۇياق چارۋا ئەي بولۇپ، تۆللەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %98.7كە يەتكەن.

(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001360617631