سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دېڭىزدا خەتەرگە يۇلۇققان خادىملار ئادەم قۇتقۇزۇشقا ھەقسىز ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-15

    مۇخبىرنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنى (تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر ئېلىش نۇسخىسى» دېيىلىدۇ) جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش جەھەتتە، دېڭىزدا ئادەم ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ھەقسىز بولۇش، ھەمدە ئۇنىڭ مال-مۈلۈك ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇشتىن، ھەمدە مۇھىتنى قوغداپ قېلىشتىن بۇرۇن بولۇشتەك ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە قۇتقۇزۇش تۈزۈلمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھەمدە ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلىندى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا چۈشەندۈرۈپ تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پىكىر ئېلىش نۇسخىسى دېڭىزدا قۇتقۇزۇش ۋە ھادىسىنى تەكشۈرۈش جەھەتتىكى كونكرېت تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا يولۇچىلار كېمىسى خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىغاندا ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىنى بەلگىلىگەن، يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېڭىزدا يۈز بەرگەن تاسادىپىي ۋەقەدىن كېيىنكى ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇنىڭدىن سىرت، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا پاراخوت ۋە دېڭىز ئۈستى ئەسلىھەلىرى توغرىسىدا ئاساسىي بىخەتەرلىك كاپالىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۇزۇندىن بېرى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلمىگەن، ئەمەلىيەتتە تېپىلىپ قېلىشىدىن ئۈمىت ئۈزۈلمىگەن يوقاپ كەتكەن ۋە كېرەكسىز قىلىنغان كېمىلەردە چوڭ مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا بەلگىلىنىشىچە، كېمە ئىگىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز، دېڭىز ئىشلىرى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەرىپىدىن ئاللىقاچان "يوقالغان"دەپ بېكىتىلگەن ياكى براك قىلىنغان كېمىلەر، گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش ۋە تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە دۆلەت تەۋەلىكىنى تىزىمغا ئالغان رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001360590721