سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2020-يىلىغا بارغاندا دۆلەت ئۆلچىمى ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز ئاشكارىلىنىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-15

    بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ۋە دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى تۆۋەندىكى ئىدارىنىڭ نامىدا، يەنى، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش-ماسلاشتۇرۇش-ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسىنىڭ نامىدا «دۆلەت ئۆلچىمىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا، دۆلەت ئۆلچىمىنى پۈتۈنلەي ھەقسىز ئاشكارىلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.دۆلەت ئۆلچىمىنى ئاشكارىلاش مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دۆلەت ئۆلچىمىدىكى تېكىستلەر (ئۆزگەرتىش تالونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ دۆلەت ئۆلچىمىدىكى مۇندەرىجە ئۇچۇرلىرى، مەسىلەن، ئۆلچەملىك نومۇرى، ئۆلچەملىك خەنزۇچە نامى، ئۆلچەملىك ئىنگلىزچە نامى ۋە ئېلان قىلغان ۋاقتى قاتارلىقلار؛ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە تۈزۈش ئۇچۇرلىرى، مەسىلەن، ئۆلچەم تۇرغۇزۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇچۇر ئېلان قىلىش، ئۆلچەملىك ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىش، ئۆلچەملىك ئۇقتۇرۇش بىكار قىلىش قاتارلىقلار.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001360590711