سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى نىكاھ تىزىملاش ئورۇنلىرىدا توي خېتى ئالدىغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-15

    ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى چاڭ شىن بىلەن ياۋ يالىن سەككىز يىل مۇھەببەتلىشىپ، 14-فېۋرال توي خېتى ئېلىپ توي كۈنىنى بېكىتتى.

    14-فېۋرال، ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى توي قىلىدىغانلارنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. شۇ كۈنى مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى نىكاھ تىزىملاش ئورنىدا خىزمەتچى خادىملارنىڭ بالدۇرلا ئىش ئورنىغا كېلىپ ئىشقا چۈشۈشكە تەق بولغانلىقى،  تىزىملىتىش چوڭ زالىنىڭ توي خېتى ئالغىلى كەلگەن ياشلار بىلەن لىق تولغانلىقىنى كۆردى. تىزىملىتىش، جەدۋەل تولدۇرۇش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، رەسىمگە چۈشۈش، كىنىشكا تارقىتىش...قاتارلىق ئىشلار ئۆچرەت بويىچە ئىنتايىن تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى.

    تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى نىكاھ تىزىملاش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما گوپىڭنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، ئادەتتىكى كۈنلەردە توي خېتى ئالغىلى كەلگەنلەر 30~20 جۈپ ئەتراپىدا بولىدىكەن. 14-فېۋرال كۈنى ئۇلار توي خېتى ئالغىلى كەلگەن 60 جۈپ قىز-يىگىتنى كۈتۈۋالغان.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001360590191