سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن رايونلاردا يەنە بىر قېتىم ھاۋا بۇلغىنىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-15

    13-فېۋرال، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 13 ـ فېۋرالدىن باشلاپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا ئاتموسفېرانىڭ تارقىلىش شارائىتى سىجىل پايدىسىز بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمالدىكى قىسمەن رايونلارنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئوتتۇرا ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىدىكەن.

    بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا، ئاتموسفېرانىڭ تارقىلىش شارائىتى ناچار بولۇپ، بۇلغىمىلار تەدرىجىي توپلىنىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ رايونلارنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىدا ئېغىر دەرىجىدىكى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بۇلغىنىش پەيدا بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 14- فېۋرالدىن 15-فېۋرالغىچە بۇلغىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولۇپ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شەنشى، شەندۇڭ ۋە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ قىسمەن شەھەرلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 16-فېۋرال، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، بۇ رايونلارنىڭ بۇلغىنىش ۋەزىيىتى سەل تۆۋەنلەيدىكەن.

    مۆلچەرلىنىشىچە، 18-فېۋرالدىن 20-فېۋرالغىچە، ئاتموسفېرانىڭ تارقىلىش شارائىتى ئادەتتىكىدەك بولۇپ، بىر قىسىم رايونلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغىنىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 21- فېۋرالدىن 22-فېۋرالغىچە، ئاتموسفېرانىڭ تارقىلىش شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، رايونلارنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولىدىكەن.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001360583981