سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 2017- يىللىق 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-13

    ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 2017- يىللىق 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

    «ئون دەل جايىدا بولۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك  

    ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 2- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2017- يىللىق 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگونىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۆھرەت زاكىر يىغىننى ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

    يىغىندا شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار يولغا قويۇش پىكرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيىتىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىق ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئون دەل جايىدا بولۇش» خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك.

    دىققەتنى باش نىشانغا مۇجەسسەملەش دەل جايىدا بولۇشى كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش خىزمىتىگە باش نىشان ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەڭ مەيدانى قەيەرگە سۈرۈلسە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش بازىسىنى شۇ يەرگىچە مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى شۇ يەرگىچە پۇختىلاش كېرەك.

    ئىدىيەۋى تونۇش دەل جايىدا بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ چوڭقۇر تونۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك.

    سىياسەتكە كاپالەتلىك قىلىش دەل جايىدا بولۇشى كېرەك. كاپالەت ئوبيېكتىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامرات ئاھالە ۋە قىيىنچىلىقى بار نوپۇسنىڭ ئاساسىي سانىنى ھەقىقىي ئېنىقلاپ، نامراتلارنى پەرقلەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، «خىرە نۇقتا» بولماسلىق، بىرنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش؛ كاپالەتلەندۈرۈش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي جەڭ مەيدانى، ئاساسلىق بۆسۈش ئېغىزى ۋە ھالقىلىق نۇقتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ھەر يەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، بىر ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلسا بىر ئائىلىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ سىياسەت بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، سىياسىي ئۈنۈمنىڭ ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر كىشىگىچە دەل جايىدا ئەكس ئېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    مەبلەغ سېلىنمىسى دەل جايىدا بولۇشى كېرەك. مەركەز مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مالىيە سېلىنمىسىنى زورايتىپ، خىيانەتچىلىك، چىرىكلىشىشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىشقا مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى نامراتلارنى يۆلەش كونكرېت تۈرلىرى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا، نامرات نوپۇسقا ئىشلىتىش كېرەك.

    كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇش دەل جايىدا بولۇشى كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە كەسىپلەشكەن باشلامچى كارخانا ۋە تۈرلۈك كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، نامرات ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسىپلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، ئورگانىك ماركىسى تىكلەپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش دەل جايىدا بولۇشى كېرەك. تۈرلەرنى تەسىس قىلىش، يولغا قويۇش ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، ئالاقىچىلىك قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق تۈر مەبلىغىنى بىۋاسىتە نامرات كەنت، نامرات ئاھالىگە يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش، نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، بېيىش يولىنى كېڭەيتىش كېرەك.

    خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش دەل جايىدا بولۇشى كېرەك. نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى كۆپەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ پاش قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەكتىن غەم قىلماسلىقىغا، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، ئاغرىپ قالسا ياردەمگە ئېرىشىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈشىگە، ئاپەتكە ئۇچرىسا تولۇقلىمىغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئىجتىمائىي ياردەم دەل جايىدا بولۇشى كېرەك. نامراتلارنى ھەمكارلىشىپ يۆلەش، نۇقتىدا يۆلەش، جەمئىيەت يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت نامرات ئاھالىلەرگە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

    شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ قوللاش دەل جايىدا بولۇشى كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش، ئەمگەك- مۇلازىمەت ھەمكارلىقى جەھەتتە ياردەم بېرىش، بازار ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە تۈرىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا، نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىتىشقا ياردەم بېرىشكە تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىش كېرەك.

    مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەل جايىدا بولۇشى كېرەك. رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتى، ماسلىشىش مەسئۇلىيىتى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلارنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى شەخسلەر ئۆزى ھېس قىلىشى، جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىشى، ھۆكۈمەت بېكىتىشى، شۇنداقلا بۇ نەتىجە سىناققا بەرداشلىق بېرەلىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001360524571