سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-13

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى:

    يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

    چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە 2- ئاينىڭ 9- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

    يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسى، مەخسۇس گۇرۇپپا ۋە ئەزا ئورۇنلارنىڭ خىزمەت قائىدىسى»، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى <يەتتە بىر> خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بەش دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىشى، يېتەكلىشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىشىنى باھالاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» ۋە «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «چارۋىچىلىق رايونى ۋە چەت- يىراق تاغلىق رايونى، كان رايونى، شۇنداقلا كىچىك تىپتىكى دۆلەت دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشى توغرىسىدىكى پىكرى»، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2017- يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

    چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

    بىرىنچىدىن، پارتىيە ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەدە پارتىيەنىڭ سۆزىنى قىلىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، پارتىيەگە مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى ھىمايە قىلىشنى خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە قارىشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشتىن- ئاخىر قەلبنىڭ ئەڭ تۆرىگە قويۇپ، ئۆزىنىڭ پارتىيەنىڭ ئادىمى ۋە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئويلاش، پارتىيە ئۈچۈن ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماسلىق كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەر قايسى تەرەپنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك، يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى ھەر بىر ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ھۈجەيرىلىرىگە قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئالاھىدە سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك.

    ئىككىنچىدىن، پارتىيەنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ قاراشنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 1- مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى پارتىيەنى باشقۇرىدىغان ۋە ئىدارە قىلىدىغان شۇجى بولۇپ، پارتىيەگە، ئۆز رايونى، ئۆز سىستېمىسى، ئۆز ئورنىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىگە، كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، بېسىمنى قاتلاممۇ قاتلام يەتكۈزۈشى، مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇ دەرىجە چىڭىتىشى كېرەك. ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. بىۋاسىتە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەر قايسى ساھەدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى تەسىس قىلىش، تەشكىلىي تۇرمۇشنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كونكرېت خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشى كېرەك.

    ئۈچىنچىدىن، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام دەپ بىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە يادرونى ئېتىراپ قىلىش، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغداش، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇش، ھەرىكەت جەھەتتە يادروغا چىڭ ئەگىشىشتە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىدە بايراقنى روشەن، مەيداننى مۇستەھكەم قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قانۇن، ئىنتىزام بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تەشكىلىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، «تۆتكە بويسۇنۇش»نى كۈچەيتىپ، چوڭ ئىشلاردىن دوكلات بېرىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداپ، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. پاك- دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەش، ئومۇمنىڭكىنى شەخسىنىڭكىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈشتىن ئىبارەت پاسسىپلىق، چىرىكلىك ئەھۋاللىرىنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. خىزمەت ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۆنىلىشىدە قەتئىي تەۋرەنمەي، كەم- كۈتىسىز ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش كېرەك. تۇرمۇش ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «پولاتتەك تەن»نى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

    تۆتىنچىدىن، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. ئادەم تاللاش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ كادىرلار سىياسىي ئۆلچىمىدە، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، جايلاردىن تاللاش، ئەخلاق- پەزىلىتىگە قاراپ ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كادىرلار قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق سەپلەش كېرەك. ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى توغرا بېكىتىپ، ئىقتىدارلىقلارنى ئىشقا قويۇش، ئىقتىدارسىزلارنى قالدۇرۇش، ناچارلىرىنى شاللاشتەك ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ساپا ۋە ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسەت- نەزەرىيە، «قوش تىل» ئىقتىدارى، مىللەت- دىن، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ئىسلاھات- تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەربىيەلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

    بەشىنچىدىن، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى چىڭىتىش كېرەك. يېزا- بازار ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا- بازار پارتىيە، ھۆكۈمەت بەنزىلىرىنى ياخشى تاللاپ ۋە سەپلەپ، ئىشتاتلىق خادىملارنى يېزا- كەنتلەرگە مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا- كەنت خىزمىتىنىڭ كۈچىنى تولۇقلاش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات قۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئاجىز ۋە چېچىلاڭغۇ كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق رەتكە سېلىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىنى ياخشى تاللاش ۋە سەپلەش، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنى ياخشى سەپلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى زورايتىپ، ئۆلچەم ۋە تەرتىپنى چىڭىتىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئالتىنچىدىن، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار ئىستىلىنىڭ ياخشىلىنىشىنى، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مەخسۇس گۇرۇپپا، ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001360524561