سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بىرلىك سەپ خىزمىتى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-10

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى، مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

بىرلىك سەپ خىزمىتى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

 چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇزاكىرە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بىر قاتار مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئاساسىي پىرىنسىپ ۋە ئىلمىي كۆرسەتكۈچ بىلەن تەمىنلىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىدە ناھايىتى مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، بولۇپمۇ بىرلىك سەپ سىستېمىسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا تۆھپە قوشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ھەق- ناھەقنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. باش نىشان ئارقىلىق بىرلىك سەپ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بارلىق خىزمەتتە باش نىشانغا بويسۇنۇش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش، باش نىشاننى چۆرىدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداپ، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھەقىقىي تەربىيەلەپ، قوغداپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تەرتىپكە سېلىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى، يامرىشىنى قەتئىي چەكلىشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە ئىلغار ئورۇن، ئىلغار شەخس بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆلچەمنى، تەرتىپنى، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ كۈچلۈك، تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنى ساغلام تەرەققىياتقا يېتەكلەپ، «يېقىن»، «پاك» بولغان يېڭى تىپتىكى ھۆكۈمەت- سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە تۈپ پىرىنسىپ بىلەن تەمىنلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەن مۇھىم سۆزىدە پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە تەشكىلات تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، كۈندىلىك ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ، دائىم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى ۋە تۇتقىسى قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەم ۋە ئىلغارلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋەكىللەر قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىشى كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، «مىزان»، «نىزام»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي تۇرمۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى ھەر بىر ئىجتىمائىي باشقۇرۇش «ھۈجەيرىسى»ئىچىگە قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلاتى، رەھبەرلىكى، رولى، ئەۋزەللىكى، پائالىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى خىزمەتنى قانات يايدۇرۇش، بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە تۈرتكە بولۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى زورايتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ كادىرلار سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى تەيىنلەش نىزامىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىدار، ئىستىل جەھەتتە كۈچلۈك يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، ئىقتىدارلىقلارنى ئىشقا قويۇش، ئىقتىدارسىزلارنى قالدۇرۇش، ناچارلىرىنى شاللاشتەك خىزمەت مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا، ئىشلارنى تالىشىپ قىلىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. ئىختىساسلىقلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قېلىپ، ئىختىساسلىقلاردىن پايدىلىنىشتا بىر خىل شەكىل بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلىشىگە سۇپا ھازىرلاپ، ئۇلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك؛ شىنجاڭغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار جەھەتتىن، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئۆزئارا بىرلەشكەن خىزمەت ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى ۋە مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، يېزا- قىشلاقلار، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش 1- سېپى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى 1- سېپىدە پارتىيە ئەزالىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قاتتىق ئۆلچەم، قاتتىق تەرتىپنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، پارتىيە ئەزالىرىنى پائال تەربىيەلەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، كەسپىي پەزىلىتىنى قاتتىق ساقلاپ، ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى داۋاملىق ياخشىلىشى كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان، كەسىپكە ماھىر، ئىستىلى ياخشى نەمۇنىلىك تارماقنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا يەنە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلدى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001360466491