سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-09

    چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

    «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك يىغىنغا شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى،

    نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن قاتناشتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش − «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر ۋە كۈچلۈك تۇتقا، بۇنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كادىرلار ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرى سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، تۈزۈملىشىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى ساقلاشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئۈنۈملۈك سۇپا، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىش، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بىلەن پائالىيەتنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئاساس «ئۆگىنىش»تە، مۇھىم ھالقا «ياخشىلاش»تا، نىشان «ئىلگىرى سۈرۈش»تە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئۈچ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى ۋە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم سۆزلىرىنى ئەينەن، تەكرار، چوڭقۇر، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، پىرىنسىپنى چۈشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، مېڭىمىزنى ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى بويىچە قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك خاھىشىنى قاتتىق تۈزەپ، «قاقباشلىق»، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئەستايىدىل بولماسلىق، «ئىككى يۈزلىمىچى»لىك كەيپىياتىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. كەڭ دائىرىدە پىكىر ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى ئىگىلەپ، ئىشنى پائالىيەتتىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پىكىر، تەكلىپىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش كېرەك؛ مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، مەسىلىنىڭ نېگىزىنى توغرا تېپىپ، «تۆت خىل خاھىش»، «تۆت خىل كەيپىيات» جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى تېپىشقا كۈچەپ، ساقلانغان مەسىلىنىڭ كونكرېت ئىپادىسىنى بىر- بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلىنىڭ زىيىنى ۋە مەنبەسىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىش كېرەك؛ كېسەلگە قاراپ دورا بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ساقلانغان مەسىلىگە بىرمۇ بىر تۈزىتىش تەدبىرى تۈزۈپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۈرلەر بويىچە تۇتۇپ، مەسىلىنى بايقىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىش، بايقىغان ھامان ئۆزگەرتىش كېرەك؛ قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چۆچۈتۈش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەنجەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قاتتىق تەلەپچان بولۇپ، «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن «تۆت خىل خاھىش»، «تۆت خىل كەيپىيات» مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ توغرا كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلغار تىپنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىجابىي تىپلاردىن تەجرىبە ئۆگىنىش، كۈچ توپلاش بويىچە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئۈچىنچى، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. «ئىككى قولدا تۇتۇش» مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ماس ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ھەقىقىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى خىزمەت بەنزىسىنى كۈچەيتىپ، بىر بەنزە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملىقنى قوغداشقا ئاتلىنىشى، بىر بەنزە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇشى كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، «ئالتىنى ياخشى تۇتۇش»، «بەشنى باشقۇرۇش»، «تۆتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات، تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇلارغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە ئىلغار ئورۇن، ئىلغار شەخس بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىن خىزمىتى تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، مەسچىت ۋە دىنىي زاتلار، دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان تەربىيە، باشقۇرۇش، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش، قوغداش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تەرتىپكە سېلىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى داۋاملىق، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «بىر قوللۇق» تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ۋە مۇھىتنى ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق تۈزەپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى زورايتىش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: زور كۈچ سەرپ قىلىپ «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنى چىڭ، پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بولغان تونۇشنى يۈكسەك بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاندىن ھەممە ئائىلە خەۋەردار بولۇش، باش نىشاننى ھەممە كىشىنىڭ قەلبىگە ۋە مېڭىسىگە سىڭدۈرۈش، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى كۆزلەش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ھەقىقىي ئورنىتىپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمى، باھالاش مېخانىزمى، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، باش نىشاننى ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈلگە پۈكۈش، زىممىسىگە ئېلىش، قولدا تۇتۇش كېرەك. ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلىشنى بىلىدىغان ۋەزىيەتنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈپ، پائالىيەت داۋامىدا ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشى، ساپاسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ روھىي ھالىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك، ئۇلار جۇشقۇن، جاسارەتلىك ۋە كۆتۈرەڭگۈ، جەڭگىۋارلىقىنى ئىزچىل ساقلاپ، تاغقا دۇچ كەلگەندە يول ئېچىشقا، دەرياغا دۇچ كەلگەندە كۆۋرۈك سېلىشقا، خەتەرلىك ساھىلدا مېڭىشقا، قىيىن ئىشتىن باش تارتماسلىققا جۈرئەت قىلىشى كېرەك. ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەدە يېڭى تۈس ئېلىش، توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىش قىلىشنى ئويلىغانلارغا پۇرسەت بولۇش، ئىش قىلالايدىغانلارغا سەھنە بولۇش، ئىش قىلالىغانلارغا ئورۇن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باش نىشانغا يېتىش ئىشەنچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش، مۇكەممەل تەدبىر، ياخشى ئىستىل، مۇقىم ۋەزىيەت ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىناق، قويۇق قىلىش، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنى بىر يەرگە ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ كۈچەيتىش، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ماددىي ئاساس، ئىدىيەۋى ئاساس ۋە ئىجتىمائىي ئاساسنى پۇختا سېلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى پائال ياخشىلاش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش كېرەك. رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنى مۇھىم ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ شۇجىلىرى 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بىۋاسىتە تۇتۇپ، باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. جايلاردىكى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ جەڭگىۋارلىق روھى ۋە غەيرىتىگە ئىلھام بېرىپ، «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تە قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەربىيەلەش بىلەن جازالاشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنتىزام بىلەن قائىدىنى ھەقىقىي تۈردە «يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى» قىلىش كېرەك. بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، نېمە مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نېمە مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، مەسىلىنى بايقىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ ۋە تېزدىن ئۆزگەرتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىش كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەتىجە يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلىلەرنىڭ خاراكتېرىنى بىر- بىرلەپ ئېنىقلاپ، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزىتىش پوزىتسىيەسى بىلەن ئىستىلنى رەتكە سېلىپ، تۈزەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمى بىلەن ئەلرايىنى مايىل قىلىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىسلاھات، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، ئېكولوگىيەنى قوغداش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، كادىرلار ئىستىلى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى قاتتىق ئۆلچەم، قاتتىق تەدبىر ۋە قاتتىق ئىنتىزامنى پائالىيەتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ «بىرىنچى باشلىق»لىرى 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، بېسىمنى قاتلاممۇ قاتلام يەتكۈزۈپ، پائالىيەتنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك ۋە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ چۈشىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جۇ چاڭجيې، مۇتەللىپ قاسىم، ماغاۋ سېيىتقامزە، ۋەن خەيچۈەن، يەن فېنشىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، گو ليەنشەن، نىشان ئىبراھىم قاتارلىقلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋاكالىتەن ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى ئاساسلىق يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەرنىڭ مەسئۇللىرى، يېزا- بازار، كوچا باشقارمىلىرىنىڭ كادىرلىرى جايلاردىكى تارماق يىغىن مەيدانلىرىدا يىغىنغا قاتناشتى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001360435241