سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-07

 چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2–ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى، شۈ خەيرۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنى 2 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ، 5 – ، 6 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ، 5 – ، 6 – ، 7 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپ لى پېڭشىن ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بۇلتۇردىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەھمىيەت بېرىپ تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە ‹‹ئىنتىزام تەربىيەسى يىلى›› پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتتى، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىدا قاتتىق بولۇپ، سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش خەنجىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ‹‹ئۈچنى تەرتىپكە سېلىش››نى يولغا قويۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››نى نازارەت قىلىشنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي، كۈچلۈك جازالاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولدى.

 چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ، 5 – ، 6 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ، 5 – ، 6 – ، 7 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭ گەرچە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا تۇرۇۋاتقان، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە بىر تەرەپ يوق، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى روھىي ھالەت ۋە ئەلا خىزمەت نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش.

 چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى ئالتە جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك:

 بىرىنچى، قەتئىي سادىقلىقنى ساقلاپ، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىش كېرەك. يادرونى قەتئىي قوغداش، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، باشتىن – ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تونۇشى بىرلىككە كەلگەن، ئىچى – تېشى بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قانۇن، ئىنتىزام بويىچە قەتئىي قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تەشكىلىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ‹‹تۆتكە بويسۇنۇش››نى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، پارتىيە ئېڭى، پارتىيە ئەزالىق ئېڭى، تەشكىلىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

   1 2 下一页  

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001360377671