سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايون 2017- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ پەتە ئۆتكۈزدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-28

    چېن چۈەنگو كوللېكتىپ پەتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، شۆھرەت زاكىر تەبرىك سۆزى قىلدى

نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن كوللېكتىپ پەتىگە قاتناشتى

    ئاپتونوم رايون 1- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 2017- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ پەتە ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرى ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.

    كوللېكتىپ پەتە باشلىنىشتىن بۇرۇن، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋاللىشىپ، چاغاننى تەبرىكلىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو كوللېكتىپ پەتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى، ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار ۋە كادىرلارغا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر- جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى ۋە ج خ كادىر- ساقچىلىرىغا، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرىغا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم يولداشلار ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە مەدەت بېرىۋاتقان ھەر ساھە زاتلىرىغا چاغانلىق بەخت تىلىدى، سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يېڭى يىل − يېڭى ئۈمىد، يېڭى يىل − يېڭى مۇساپە دېمەكتۇر. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يەڭنى تۈرۈپ كۈچەپ ئىشلەپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ئېچىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر كوللېكتىپ پەتىدە تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى ۋە ئالاھىدە غەمخورلۇقى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىر، كومىتېتلىرىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە سىڭدۈرگەن نۇرغۇن يۈرەك قېنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئەمەلىي، جاپالىق ئىشلىگەنلىكى ۋە خالىس تۆھپە قوشقانلىقى مۇجەسسەملەنگەن.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىقنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمى ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي لىنىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت تۇتقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەت- دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىدىن ئىبارەت ئەڭ زور ئاممىۋى خىزمەتنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىق بىر قاتار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

    ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ئەسقەت كەرىمباي، ليۇ شىنچى قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە قىسمەن پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەسى ئۈرۈمچى بازىسى، شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى، شىنجاڭ ج خ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوندىكى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋە دىن ساھەسى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىلغار كوللېكتىپ ۋەكىللىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخسلەر، ئىلغار كوللېكتىپ ۋەكىللىرى، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش نەمۇنىچىلىرى، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرى ۋە قەھرىمان- نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى كوللېكتىپ پەتىگە قاتناشتى.

    كوللېكتىپ پەتىدە ھەر مىللەت ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001360182781