سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى 11-يانۋار قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق بىر كۈننى كۈتۈۋالدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    ئۈچىنچى چىللە مەۋسۇمى يېرىملاشقان مەزگىلدە ئۈرۈمچى قارا قىشىنىڭ ئاچچىق سوغۇقىنى كۈتۈۋالدى. 11-يانۋار سەھەردە ئۈرۈمچى ئاساسىي شەھەر رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃18.1-قا چۈشۈپ، كىشىلەر قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىنى كۈتۈۋالدى.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۈگۈن (12-يانۋار)دىن باشلاپ ھەپتە ئاخرىغىچە ھاۋا ئاساسەن بولۇتلۇق بولۇپ، رادىياتسىيەلىك تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ئاجىزلايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تېمپېراتۇرا ئازراق ئۆرلەپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃14-ئەتراپىدا، كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرا℃7-ئەتراپىدا بولىدىكەن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359774561