سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدا بۇ يىل يېزا قوش تىل يەسلىسىدىن 3835ى كېڭەيتىپ قۇرۇلماقچى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    شىنجاڭ ئىككى يىل ئىچىدە يەتتە مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 4387 يېزا قوش تىل يەسلىسىنى يېڭىدىن ۋە كېڭەيتىپ سېىلپ، 13- بەش يىللىق پىلان نىشانىنى ئالدىن تاماملىماقچى.

    تۈنۈگۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر خۇجۈنخەي ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىـلمـىي مـۇھـاكىمـە يىغىنىدا ئېيتىشىچە، 2016- يىلى شىنجاڭدا يېزا قوش تىل يەسلىسىدىن 552ى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىل يەنە 3835 يەسلى كېڭەيتىپ قۇرۇلماقچى ئىكەن.

    يېزا قوش تىل يەسلىسىىنڭ ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل ئىش ئورنىدا پىراكتىكا قىلىۋاتقان، مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھازىر بار بولغان 12 مىڭدىن 20 مىڭغا كېڭەيتىلىدىكەن، مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359774481