سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %90 چۈشۈرۈلىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن بېرىپ-كېلىش ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالىدىغان يولۇچىلار دىققەت، 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى ئادەتتىكى بۆلۈمىنىڭ بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %90 چۈشۈرۈلىدۇ، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بېرىپ كېلىدىغان بېلەت باھاسى پەقەتلا 280 يۈەن.

    يولۇچىلارنى ئەسكەرتىدىغىنىمىز شۇكى، ئالاھىدە ئېتىبارلىق ئايروپىلان بېلىتىنىڭ سانى چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىن ئىككى كۈن بۇرۇن سېتىۋېلىش كېرەك، بېرىپ-كېلىش جەريانىدا ئەڭ قىسقا بولغاندا ئۈچ كۈن، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا يەتتە كۈن تۇرسا مۇۋاپىق بولىدۇ.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359774431