سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدا ئىككى يىل ئىچىدە 27 نامرات ناھىيەدە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قۇرۇلىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    كەلگۈسى ئىككى يىلدا، شىنجاڭدىكى 27 نامرات ناھىيەدە دۆلەت قوللايدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قۇرۇلۇپ، شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشقا يۈزلىنىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.

    تۈنۈگۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋە نازىرى خې يىمىڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىزمەت ئاللىقاچان بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ يىلدىن باشلاپ زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلىدىكەن.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359774421