سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستىتۇتى(كورلا مەكتەپ رايونى)غا 42 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    مۇخبىرنىڭ 12-يانۋار شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستىتۇتى (كورلا مەكتەپ رايونى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىنىستىتۇت 2017-يىلى جەمئىيەتتىن 42 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.

    ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى تەلىپى: پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ ماگىستىردىن يۇقىرى (ماگىستىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋانى ياكى مۇئاۋىن ئالىي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى بولغانلار؛ يېشى پىروفېسسور ۋە دوتسېنتلار 45 ياشتىن، دوكتۇرلار 40 ياشتىن، ماگىستىرلار 35 ياشتىن ئاشمىغانلار، ئىلىم-پەن نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلارنىڭ ياش چەكلىمىسىنى مۇۋاپىق قويۇپ بېرىشكە بولىدۇ؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە مىللىيچە ئوقۇغانلار چوقۇم HSKخەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 8-دەرىجىدىن يۇقىرى ياكى MHK ئىمتىھانىدا 4-دەرىجە B سەۋىيەدىن يۇقىرىلار ئىكەن.

    تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسىي مائاشى بىلەن ئىش ئورنى قوشۇمچە پۇلى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنستىتۇتى (كورلا مەكتەپ رايونى) ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن. باشقا يەرلىك ياكى ئىسلاھات خاراكتېرلىك تولۇقلىما پۇللىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە كورلا شەھىرىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن.

    قىزىققۇچىلار 2017-يىلى 12-يانۋاردىن 2017-يىلى 10-مارتقىچە تىزىملاتسا بولىدىكەن، 2017-يىلى 18-مارت يازما ئىمتىھان، 2017-يىلى 26-مارت يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن. يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئورنى: كورلا شەھىرى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جىنخې يولى 360-نومۇر(شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستىتۇتى)، ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0996-8663114، يانفون : 18009964597، 15801550009 (بېيجىڭ)، ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقى:qq.com@ 535733654(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359774381