سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ھۆكۈمەتنىڭ بايلىق تەقسىملەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى تارقاتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ھۆكۈمەتنىڭ بايلىق تەقسىملەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

    بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

    (بىرىنچى) يېتەكچى ئىدىيە. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-،4-،5-،6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جامائەت بايلىقىنى بازار ئارقىلىق تەقسىملەشكە ماسلىشىشتا، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قىممەت قانۇنىيىتىگە ھەقىقىي بويسۇنۇپ، بازار رىقابىتىدە ياخشىلىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ زور ۋە ياخشى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جامائەت بايلىقىنى بازار ئارقىلىق تەقسىملەشكە پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدىغانلىرىنى رىقابەت قائىدىسىگە كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار رولىنىڭ ئۈنۈملۈك بىرىكىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جامائەت بايلىقىنى مەمۇرىي ئۇسۇلدا تەقسىملەش كېرەكلىرى قانۇنىيەتكە بويسۇنۇپ، بازار مېخانىزمىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ئادىل، باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359774371