سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ھەمكارلىق سىياسىتى ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 11-يانۋار « جۇڭگونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى سىياسىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.

    ئاق تاشلىق كىتاب 16 مىڭ خەتلىك بولۇپ، كىرىش سۆز ۋە ئاخىرقى سۆزدىن باشقا، جۇڭگونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ھەققىدىكى سىياسەت تەشەببۇسى، جۇڭگونىڭ بۇ رايوندىكى باشقا ئاساسلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، جۇڭگونىڭ رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدىكى مەيدانى ۋە تەشەببۇسى، جۇڭگونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاساسلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمى، جۇڭگونىڭ رايونلار غەيرىي ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى قاتارلىق ئالتە بۆلەكتىن تەركىب تاپقان.

    ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دىيىلدى: ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونى دۇنيا ئەندىزىسىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، رايوندىكى دۆلەتلەر ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتا ئەھمىيەت بېرىش ۋە مەبلەغ سېلىنمىسىنى يەنىمۇ زورايتتى، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئەندىزىسىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدىمۇ مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بەرمەكتە.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359774351