سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2017-يىلى شىنجاڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا 34 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تىرىشىپ تاماملايدۇ

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    شىنجاڭ 2017-يىلى تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ «بېسىق مەزگىلى»نى كۈتۈۋالىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۇنلىننىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل كورلا-گېئېرمۇ، ئاقسۇ-ئالار تارماق لىنىيەسى، ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار، قاراماي-چۆچەك قاتارلىق تۆمۈريول تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېزلىتىلىپ، 34 مىليارد 700 مىليون يۈەن قۇرۇلۇش مەبلىغى سېلىش تىرىشىپ تاماملىنىدىكەن.

    بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كۆپ تەرەپلىمە مەبلەغ توپلىنىپ، شەرقىي جۇڭغار-قۇمۇل، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريول تۈر قۇرۇلۇشى باشلىنىدىكەن.

    جاڭ چۇنلىننىڭ ئېيتىشىچە، 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى باشلانغان تۆمۈريول تۈرلىرى 2019-يىلى ۋە 2020-يىلى ئىشلىتىلىشكە باشلايدىكەن، بۇ چاغدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۆمۈريول تىرانسىپورتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشىدىكەن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359774341