سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ترامپ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا تور ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ترامپ 11-يانۋار، بۇلتۇرقى ئامېرىكىنىڭ چوڭ سايلام مەزگىلىدە، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىگە تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇرۇن ئۇ ئىزچىل ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتى چىقارغان بۇ ھۆكۈمنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان ئىدى.

    شۇ كۈنى ترامپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خاككىرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىدە، مەن بۇ ئىشنى رۇسىيە قىلغان، دەپ قارايمەن، لېكىن مەن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئىزچىل باشقا نۇرغۇن دۆلەت ۋە شەخىسلەرنىڭ قارا مېھمان ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا، دەپ قارايمەن»، دېدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دېموكراتلار پارتىيەسى تەرەپنى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىمىگەن، دەپ تەنقىد قىلدى.

    مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىلىكى ئىشخانىسىنىڭ بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا: رۇسىيە ھۆكۈمىتى تور ھۇجۇمى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق 2016-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئارىلاشقان. رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ترامپقا روشەن مايىللىقى بار، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كىلىنتوننىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ترامپنىڭ غەلىبە قىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، دېيىلدى.‏(تامام)‏

 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359773791