سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش مەڭگۈلۈك بۇرچىمىز

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمما ئىختىساسلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەمچىل بولۇشى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى چەكلەپ كەلمەكتە. سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار بۇ قېتىممۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا نۇرغۇن ياخشى تەكلىپ بەردى.

    ئەزا تۇنىسا ئىمىن مۇنداق دېدى: مەبلەغ، ئەمەلىي تەجرىبە، تەربىيەلەش نۇقتىلىرى، ئىختىساسلىق ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل بولۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك ئەھۋاللىرى نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە. شۇڭا ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، شارائىتنى ياخشىلاپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاتا – ئانا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ، ئۆزگىچە ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئەندىزىسى بەرپا قىلىنسا. كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مائارىپ ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ سان ۋە سۈپىتى ئۆستۈرۈلسە. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئەمەلىيەتكە ماس كېلىدىغان ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىنسا.

    ئاقسۇ ۋىلايەتلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئەزا غۇنچەم جۈمە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرى كۈندىن – كۈنگە ئاتا – ئانىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا، بالىلارمۇ ئازادە مۇھىت، مۇنتىزىم تەربىيەلىنىش شارائىتىدىن بەھرىمان بولماقتا. بىراق يېزا، كەنت يەسلىلىرىدە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك، كەسپىي سەۋىيە تۆۋەن بولۇش قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەر يەسلى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويماقتا. شۇڭا، ئالاقىدار ئورۇنلار يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرسا، ئۇلارغا قەرەللىك ھەم نۇقتىلىق تەربىيەلىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىلسە.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359773441