سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈش ئېلان قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ تىزىملىتىشقا بولمايدۇ

    ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 11-يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، « ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقى بېرىش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش مەمۇرىي دېلولىرىنى سوت قىلىشقا دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى » گە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈش 31 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 3-سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى سۇڭ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: تاۋار ماركىسى ھوقۇقى بېرىش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش مەمۇرىي دېلوسى دېگىنىمىز دەۋالاشقۇچىنىڭ دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش كومىتېتىنىڭ چىقارغان تاۋار ماركىسىنى رەت قىلىپ قايتا تەكشۈرۈش، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالماي قايتا تەكشۈرۈش، تاۋار ماركىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ قايتا تەكشۈرۈش، تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش ۋە كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاپ قايتا تەكشۈرۈش قاتارلىق مەمۇرىي قىلمىشىغا قايىل بولماي خەلق سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان مەمۇرىي دەۋاسىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاۋار ماركىسى ھوقۇقى بېرىش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش دېلولىرى ناھايىتى تېز كۆپەيدى، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئېشىش نىسبىتى ئىنتايىن تېز بولدى.

    ئېلىمىز تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 10-باب 1-ماددا 8-تارمىقىدا سوتسىيالىستىك ئەخلاق-پەزىلەتكە خىلاپ ياكى باشقا ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىغان بەلگىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشتە بۇ تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسى ياكى ئۇنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللار دۆلىتىمىزنىڭ جامائەت مەنپەئەتى ۋە جامائەت تەرتىپىگە پاسسىپ، ناچار تەسىر يەتكۈزسە، خەلق سوت مەھكىمىسى بۇنى « باشقا ناچار تەسىر » دەپ بېكىتسە بولىدۇ. سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، دىن، مىللەت قاتارلىق ساھەلەردىكى جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى قاتارلىقلارنى تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە ئىلتىماس قىلسىمۇ « باشقا ناچار تەسىر » گە كىرىدۇ.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359772371