سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

باش نىشانغا يېتىشتە بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىمىز

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    گۈللەنگەن، باياشات، ئىناق جەمئىيەت قوينىدا خاتىرجەم ياشاش ئاۋامنىڭ ئارزۇسى. ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا، ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە باشتىن – ئاخىر يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى بۇ نىشانغا ھەقىقىي بويسۇندۇرۇپ ۋە خىزمەت قىلدۇرۇپ، خىزمەتلىرىمىزنى باش نىشان ئاساسىدا قانات يايدۇرىمىز، پىلانلايمىز ۋە ئىلگىرى سۈرىمىز››، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ۋاقىت ۋە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار بۇ مەسىلىنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.

    ئەزا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى تارىخ ۋە مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇدىرى ئارسلان ئابدۇللا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئېچىلغان ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يىللىق خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى يېڭى پەللىدە يېڭى مۇساپىنى باشلىدى. ھازىر مەركەزدىن ئاپتونوم رايونغىچە خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاممىنى بەختىيار تۇرمۇشقا يېتەكلەيدىغان نۇرغۇن كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئاساسىي قاتلامغا كۆپرەك بېرىپ، كۆپرەك ئەھۋال ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن كۆپرەك كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

    ئەزا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھەبىبۇللا ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئاساسى. سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى. بىز ئالدى بىلەن نىشانىمىزنى ئېنىق قىلىپ ۋە ئۇنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. مەن ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، خىزمەت ئەترىتىمىزنىڭ 49 ئەزاسى بار. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، كەنتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىۋاتىمىز. ھازىرقى كۆپ مەسىلە ئاساسىي قاتلامدىن چىقىۋاتىدۇ. ئاجىزلىق ئاساسىي قاتلامدا، شۇڭا ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، ئاممىغا ئامالنىڭ بارىچە ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى باش نىشاننى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا ئۆز ئورنىنى، يەنى خىزمەت ئەترىتى بىلەن ناھىيەلىك، يېزا – بازارلىق پارتكوم ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئېنىق بېكىتىشى كېرەك. چۈنكى، بىز ‹‹كەنت ئىككى كومىتېتى››نىڭ ئارقا تىرىكى، ئورنىمىزنى ئېنىق بېكىتمىسەك، ئۆزىمىزگە توغرا باھا بەرمىسەك خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. ھەر قانداق ئورۇننىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. بىز پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشۋىق – تەربىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتقاچقا، تۇرۇشلۇق كەنتلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت، نۇقتىلىق كەنت، نامرات كەنت دېگەندەك قالپاقلىرىنى چۆرۈپ تاشلىدۇق. خىزمەت ئەترىتىمىز تۇرۇشلۇق يەتتە كەنتكە 10 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردۇق، شۇنداقلا ناھىيە بويىچە 700 مەيدان تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ باردۇق، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتتۇق.

    ئەزا، مەكىت ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى روشەنگۈل ھۈسىيىن مۇنداق دېدى: 2016 – يىلى مېنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزاسىلىق ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلدا نۇرغۇن قېتىم ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈشتە بولدۇم، سىياسىي كېڭەش ئەزاسىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىنغا مەكىت ناھىيەسىدە قۇمنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، تاشيول قاتنىشى مۇساپىسىنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ، يىراق كەنتلەرگىمۇ يول ياساش ھەققىدە تەكلىپ ئېلىپ كەلدىم. ھازىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بارلىق خىزمەتلەردىكى تۈپ نىشانغا ئايلاندى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش. مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغاندىلا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. مەكتىپىمىزدە 4800 ئوقۇغۇچى بار، مەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بۇلتۇر ئۆكتەبىردىن باشلاپ مەكتەپتىكى خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تۇغقان بولۇپ، باردى – كەلدىنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، سىنىپىمدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇچە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۈم. 2 – دەرسخانا پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ مىللىتىنىڭ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردۇق. نەتىجىدە، ئۆزئارا چۈشىنىش، بىلىش، ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى كۈچەيدى، ئۇيغۇر، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە بىللە بېرىپ – كېلىدىغان، بىللە ئوينايدىغان، بىر – بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ – كېلىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359771941