سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىداسىياسىي كېڭەش ئەزالىرى نېمە دەيدۇ؟

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    بۇ يىلقى ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تۈپتىن ھەل قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ تۈپ يولى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، ‹‹بىرنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈچنى تولۇقلاش›› ئارقىلىق يېڭى، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ داۋاملاشما ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش قوزغاتقۇچىنى يولغا قويۇش قاتارلىق يېڭى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش دېگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇلاھىزە قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ كەيجياڭ مۇنداق دېدى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى ماھىيەتتىن تۈزەش نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ تەدبىر. بۇ يىل تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا داۋاملىق كۈچەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ چىقىش يولى تېپىش كېرەك، ھازىرقى ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش زورىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، مەھسۇلات ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇش، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك ۋە يېڭىلىق ئارقىلىق قوزغىتىش، تىپ ئۆزگەرتىپ راۋاجلاندۇرۇش، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

    ئەزا جاۋ شياۋلىن ئادەتتىكى پاختا بىلەن قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى بولغان رەڭلىك پاختىنى مىسال كەلتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ئادەتتىكى پاختا ۋە ئوتتۇرا، ئۇزۇن تالالىق پاختىلاردىن بەزى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق پاختا يىپلارنى ئىشلەپچىقىرالايمىز، تەبىئىي رەڭلىك پاختىلاردىنمۇ يېشىل، مۇھىت ئاسراشقا ماس كېلىدىغان پاختىلارنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. بۇلار ئىككىلەمچى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. بۇلاردىن مۇھىت ئاسرايدىغان يېشىل كىيىم – كېچەكلەرنى تىكىشكە ئىشلىتىلىدىغان پاختا يىپلارنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى خام ماتېرىيالنىڭ قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى بولسا، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار.

    ئەزا فەن پىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› تا بۇ يىلقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەڭ مۇھىمى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە بىر يورۇق نۇقتا بار بولدى. يەنى سېلىنمىنىڭ ئېشىش دائىرىسىنى %50كە ، يەنى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئېشىش مىقدارىنى 500 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇش پىلانلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە تاشيول قاتناش سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش مىقدارى 200 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئېشىش نۇقتىسى. بىزنىڭ ئىلگىرىكى يېتەرسىزلىكىمىز ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەل ئەمەس ئىدى. راۋان قاتناش شارائىتى بولمىغانلىقتىن، مەھسۇلاتلارنى سېتىش، ئىمپورت – ئېكسپورت ئىشلىرى، شۇنداقلا كارخانىلارنى جەلپ قىلىش چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىمۇ تولۇقلاپ راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359771471