سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوت يۈرەكلەرگە تەشەككۈر

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزا – كەنت يەسلىلىرىدە ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كادىرلارنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلغانىدى. 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تۇنجى تۈركۈمدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان 3000 كادىر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى 32 ناھىيە، شەھەردىكى1531 ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىگە ئىشقا چۈشۈپ خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپلا قالماي، يەسلى ۋە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا قىزغىن پىكىر بايان قىلىپ، مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

    ۋەكىل گۈلباھار بۇرھان مۇنداق دېدى: ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە كەلگەندىن كېيىن، بالىلارغا ‹‹قوش تىل›› ۋە تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئۆگىتىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، بالىلارنى خۇشال – خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشكە، ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، بالىلارنى يەسلىگە كۆندۈرۈپ ئاتا – ئانىلارنى خاتىرجەم قىلدى. ئۇلار كەلگەندىن كېيىن يېڭى يەسلىلەر قۇرۇلۇپ، بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

    ۋەكىل ئابدۇمىجىت جۈمە مۇنداق دېدى: مەكىت ناھىيەسىدە يەسلىدە ئوقۇۋاتقانلار 14 مىڭ 400گە يېتىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانىدىكى ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يېڭىدىن 3223 يەسلى سېلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلار يەسلىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. نۆۋەتتە مەكىت ناھىيەسى يەنە 500 گە يېقىن يەسلى ئوقۇتقۇچىسىغا ئېھتىياجلىق، لېكىن ئوقۇتقۇچىلارنى جەلپ قىلىش، بار ئوقۇتقۇچىلارنى تۇتۇپ قېلىش تەس بولۇۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا، كادىرلارنىڭ ياردەمگە كېلىشى بىزنىڭ چوڭ غېمىمىزنى يېنىكلەتتى، بىز ئۇلاردىن كۆپ مىننەتدار. ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، مېھىر – مۇھەببىتى ۋە كۈچى ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئۇلار ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق بالىلارغا ماس كېلىدىغان ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىشىگە، شۇنداقلا ئۇلارنى كىچىكىدىن ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ئىز باسارلاردىن قىلىپ چىقىشقا كۈچ سەرپ قىلىۋاتىدۇ، بىز ئۇلاردىن بەكمۇ مىننەتدار.

    ۋەكىل ئىمگۈلسۈم رەھمۇتۇللا مۇنداق دېدى: ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئورۇنلىرىدا رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەسىم، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل دەرسلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئوقۇتۇش مېتودى بىلەن تېزلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولدى، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىنى، بالىلىرىنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ پەرزەنتى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئۆزىنى بېغىشلاۋاتقان بۇ ئوت يۈرەكلەرگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359771451