سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مىللەتلەر بولسا ئىناق، ھەممە تاپىدۇ روناق

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتە قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشتە، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور رول ئوينىغانلىقىغا ئالقىش ياڭراتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ‹‹تۇغقان››لىرى بىلەن ھەقىقىي قېرىنداشلارغا ئايلىنىش توغرىسىدا تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى پەرھات تۇردى مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەڭگۈلۈك تېما. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قانداقتۇر كادىرلار تۆۋەنگە چۈشۈپ بەلگىلەنگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن ‹‹تۇغقان›› بولۇپ، ئۇلارغا ئۇن، گۈرۈچ ياكى كىيىم – كېچەك ياردەم قىلىپلا تۈگىتىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇلار بىلەن سىردىشىپ، ھالىغا يېتىپ، ئىدىيە جەھەتتىن، تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەپ، ئېتىبار سىياسەتلىرى بىلەن قوللاپ، مېھىر – مۇھەببەتنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن ھەقىقىي قېرىنداشلارغا ئايلىنىدىغان بىر جەريان. قىزىلسۇدا ‹‹تۇغقان››لار ئارا قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش، ياشلارغا بېيىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش، كەچلىك كۇرسلاردا ‹‹قوش تىل›› ئۆگىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى.

    ۋەكىل ئالىم ھەبىبۇل مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹شىنجاڭدىكى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسىدۇر›› دەپ تەكىتلىدى. توقسۇن ناھىيەسى مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئاممىنى يېتەكلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى تاۋ خۇيغا ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخسلەرنى مەھەللىمۇ مەھەللە لېكسىيە سۆزلىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئىلغار كەنت، مەھەللە، ئورۇنلارنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى قېرىنداشلىق مۇھەببىتىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدى. نەتىجىدە، ھەر مىللەت ئامما ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەت چوڭقۇرلىشىپ، ئىلگىرى تونۇشمايدىغان كىشىلەر ‹‹قېرىنداش›› قا ئايلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

    ۋەكىل ماھىنۇر نامەت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەمەلىيىتىگە بەك ماس كېلىدۇ، ئۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا باش نىشاننى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم تۇتقا. بۇ پائالىيەت مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىساق، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ روناق تاپىدۇ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولىدۇ.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359771441