سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېلېكتىرونلۇق تاۋارلارنىڭ ئورالمىسى ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، مال قايتۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    دۆلەت سودا-سانائەت باش ئىدارىسى تۆنۈگۈن «توردا سېتىۋېلىنغان تاۋارلارنى يەتتە كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز قايتۇرۇشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق چارە»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    «چارە»دىكى مەزمۇنغا ئاساسلانغاندا، ئىستېمالچىلار ئېلېكتىرونلۇق سايمانلار تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا، ئەگەر تەكشۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاۋارنىڭ ئورالمىسى ئېچىلغان ياكى تاۋارنىڭ سۈپىتى ۋە ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، يەتتە كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز مال قايتۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

    ئىستېمالچىلار بۇيرۇتقان تاۋار تىرىك، ئاسان چىرىيدىغان تاۋار بولسا، توردىن چۈشۈرىدىغان ياكى ئىستېمالچى پېچىتىنى ئېچىۋەتكەن ئۈن-سىن بۇيۇملىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى قاتارلىق سېپىرلىق تاۋارلار، ھەققى تۆلۈۋېتىلگەن گېزىت، ژۇرناللار بولسا، يەتتە كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز قايتۇرۇش ھەققىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر يېمەكلىك، گىرىم بۇيۇملىرى، داۋالاش سايمىنى قاتارلىق زۆرۈر بولغان بىر قېتىملىق ھىم ئورالما بۇزۇلغان بولسا؛ كىيىم- كېچەك، ئاياغ-باش كىيىم، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنىڭ تاۋار ماركا بەلگىسى ئېلىۋېتىلگەن، كېسىۋېتىلگەن، تاۋار بۇلغانغان، زىيانغا ئۇچرىغان بولسا؛ ئېلېكتىرون، ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىدىكىلەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا رېمونت قىلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن، كۆرۈنمە يۈزى تۈرىدە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئىشلىتىلگەن ئىزى بار بولسا؛ ياكى قوزغىتىش، ھوقۇق بېرىش ئۇچۇرى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلاردا ئىشلىتىلگەن ئىزلار بار بولسا، تاۋار كەم-كۇتىسىز ئەمەس دەپ قارىلىپ، يەتتە كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز مال قايتۇرۇش بەلگىلىمىسى تەدبىقلانمايدۇ.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359771271