سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىتالىيە زۇڭلىسى گېنتىلونى يۈرەك كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 10-يانۋار چۈشتىن كېيىن، ئىتالىيە زۇڭلىسى گېنتىلونى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ جىددىي دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان، ئارقىدىنلا قان تومۇرنى كېڭەيتىش ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلغان. شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېنتىلونىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋاقتىنچە مۇقىملاشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئېغىر كېسەللەر ياتىقىدا كۆزىتىلگەن، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى-ئۈچ كۈنلەردە دوختۇرخانىدىن چىقالايدىكەن. شۇڭا، ئەسلىدىكى 12-يانۋار ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي بىلەن كۆرۈشۈشنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئىگىلىنىشىچە، گېنتىلونى دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىشتىن ئىلگىرى فىرانسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، رىمغا قايتىپ كەلگەنىكەن.

    گېنتىلونى بۇ يىل 62 ياشتا بولۇپ، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئىتالىيەنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359767991