سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

گۇتېررېس يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى، ب د ت يېڭى ‹‹سەركىسى››نى كۈتۈۋالدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەن، ب د ت نىڭ يېڭى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، ب د ت تارىخىدىكى توققۇزىنچى باش كاتىپ بولدى. ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 2021 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە. ئۇ زادى قانداق ئادەم؟ ئۇ قانداق قىلىپ ب د ت دىن ئىبارەت بۇ زور كۆلەملىك ھۆكۈمەتلەر ئارا تەشكىلاتنىڭ ‹‹يېڭى باشلامچىسى›› بولالىدى؟ ئۇنىڭ ب د ت ھەققىدە قانداق تەسەۋۋۇرلىرى بار؟

    ئانتونىئو گۇتېررېس بۇ يىل 67 ياشتا، ئۇ 1949 – يىل 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى پورتۇگالىيەدە تۇغۇلغان. گۇتېررېس كىچىكىدىلا تالانتلىق، ئەقىللىق بولۇپ، ياشلىق مەزگىلىدە ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا ئىدى، ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە ۋە ئىسپانچىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولۇپ، بۇ تىللار ب د ت دىكى ئالتە خىل خىزمەت تىلىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.

    1992 – يىلى گۇتېررېس پورتۇگالىيەنىڭ زۇڭلىسى بولغان. 2001 – يىلى 12 – ئايدا سوتسىيالىستلار پارتىيەسى پورتۇگالىيە مەملىكەتلىك شەھەر مەمۇرىيىتى سايلىمىدا يېڭىلگەندىن كېيىن، ئۇ زۇڭلىلىق ۋە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن، 2002 – يىلى 4 – ئايدىن ئېتىبارەن پورتۇگالىيەنىڭ زۇڭلىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمىگەن.

    گۇتېررېس مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىش سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ: ئىلگىرى لىسبوندىكى نامراتلار مەھەللىسىدە پىدائىي بولغان ۋاقتىمدا نۇرغۇن قورقۇنچلۇق مەسىلىنى سىياسىيغىلا تايىنىپ ھەل قىلىشتىن باشقا ئامال يوقلۇقىنى بايقىغانىدىم، بۇ، سىياسىي ساھەگە كىرىشىمدىكى سەۋەب، دېدى.

    گۇتېررېسنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى يۇقىرى، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدىكى سىياسىي نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، پورتۇگالىيەنىڭ خەلق ئىگىلىكى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، دۆلەت ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى روشەن ياخشىلانغان. ئۇ يەنە شەرقىي تېمور كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا پائال قاتناشقان، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ‹‹لىسبون قارالمىسى››نى يېتەكچىلىك قىلىپ ماقۇللىغان، بىرىنچى قېتىملىق ياۋروپا ئىتتىپاقىئافرىقا باشلىقلىرى يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلغان. گۇتېررېس 1999 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە يەنە چوڭ تىپتىكى خەلقئارا پارتىيە تەشكىلاتى سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ خەلقئارا رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، نۇرغۇن خەلقئارا سۆھبەت پائالىيەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.

    گۇتېررېس 2005 – يىلى 6 – ئايدىن 2015 – يىلى 12 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، دۇنيا مۇساپىرلار ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش – ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان؛ سۈرىيە، ئىراق، ئافغانىستان قاتارلىق خەلقئارا مۇساپىرلار مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلارنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىشىغا ياردەم قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. گۇتېررېس مۇساپىرلار مەھكىمىسىنى باشقۇرغان مەزگىلدە مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئورگانلىرىنى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىپ، مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ جەنۋەدىكى خىزمەتچىلىرىنى زور كۆلەمدە ئازايتقان ھەم مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئۈنۈمى ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرىپلىشىگە ئېرىشكەن.

    گۇتېررېس ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان بولۇپ، باي دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى كۆپ قېتىم مۇراجىئەت قىلغان؛ 2015 – يىل 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىكى دۇنيا مۇساپىرلار كۈنىدە باي دۆلەتلەرنى ‹‹چىڭ ئېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، ئۇرۇش ۋە زوراۋانلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سەرسان – سەرگەردان بولۇشىغا قاراپ تۇردى›› دەپ تەنقىدلىگەن. 2015 – يىلى 9 – ئايدا مۇساپىر بالا ئېرلان كۇردىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن سۈرىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گۇتېررېس دەرھال: كىچىك ئېرلاننىڭ سۈرىتى پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتتى، دېگەن ھەم ياۋروپانىڭ ئۆزلىرى جاكارلىغاندەك ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانىي ھوقۇق قىممىتىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا يولنى كېڭەيتىپ، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدىن قېچىۋاتقان مۇساپىرلارنى تېخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى ئاچقۇچلۇق پەيتتە كىشىلسەرنىڭ مۇساپىرلارغا بولغان ھېسسىداشلىقىنى قوزغاپ، دۇنيا ئەھلىنى مۇساپىرلارغا ئەھمىيەت بېرىشكە يەنە بىر قېتىم يېتەكلىگەن.

    ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رەسمىي نامزاتلىققا كۆرسەتكەندىن كېيىن، گۇتېررېس مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە: ب د ت نىڭ باش كاتىپى بولغاندىن كېيىن كەمتەرلىك بىلەن ئاجىزلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىق ھۇجۇمىدا يۇرت – ماكانىدىن قېچىپ كېتىۋاتقان مۇساپىرلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن، دەپ ۋەدە بەردى.

    گۇتېررېس كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت كەيپىياتىدىكى خىزمەت مۇھىتى بىلەن ئىنتايىن تونۇش، شەرق، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن تەبىئىي ئىناق مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قوللانغان دىپلوماتىيە ۋاسىتىلىرى تەرەپلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

    ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆپ يىل بىللە ۋەزىپە ئۆتىگەن ب د ت نىڭ ئەمەلدارلىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، گۇتېررېس بىلەن بولغان بىرقانچە قېتىملىق ئۇچرىشىشنى ئەسلەپ، ئۇنى ‹‹پىشقان سىياسىيون››، دانا باشقۇرغۇچى، يىراقنى كۆرەر، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى چۈشىنىدىغان ‹‹غايىچى›› ئادەم، دېدى.

    گۇتېررېس 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى 71 – نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى سادىقلىق، ئېھتىياتچانلىق ۋە ۋىجدانى بىلەن قېلىپلاشتۇرۇپ، ب د ت نىڭ باش كاتىپىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ب د ت نىڭ مەنپەئىتىگە سادىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    گۇتېررېس مۇنداق قارىدى: ب د ت كۆپ تەرەپ مەسلىكىنىڭ ئۇل تېشى، كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتكە چوقۇم تېخىمۇ كۈچىشى كېرەك؛ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىم ئاساسلىقى ئالدىنى ئېلىش ۋە سالا قىلىش ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى ۋە ب د ت نىڭ ئىچكى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار بولىدۇ.

    گۇتېررېس مۇنداق قارىدى: ب د ت ئومۇميۈزلۈك، زامانىۋى ۋە ئۈنۈملۈك تىنچلىق قۇرۇلۇشى رامكىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن تىنچلىقنى ساقلاشقىچە، يەنە تىنچلىقنى قۇرۇشقىچە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە قوغدايدىغان مۇكەممەل ‹‹شەجەرە›› شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

    گۇتېررېس سايلام رىقابىتىدە ب د ت نىڭ بىيۇروكراتلىق ئىستىلىنى يوقىتىشقا كۈچەپ، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئورۇنسىز قۇرۇلما تەننەرخىنى بىكار قىلىپ، ب د ت نىڭ خىزمىتىنى ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە نەتىجىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشقا ۋەدە بەردى.

    گۇتېررېس: ب د ت جىنس باراۋەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ باشلامچىسى بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى تاللاشتا جىنس باراۋەرلىكىنى تەكىتلەشكە ۋەدە بەردى.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359767851