سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چاۋشيەن جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىپ، قېرىنداشلار ئارا قىرغىنچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى ‹‹ئەمگەك خەۋەرلىرى›› دە بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ۋە ھەربىي مانېۋىرنى توختىتىپ، جىددىي مۇناسىۋەتنى پەسەيتىپ، ئۇرۇش خەتىرىنى تۈگىتىپ، قېرىنداشلار ئارا قىرغىنچىلىقتىن ساقلىنىش مۇراجىئەت قىلىندى. بىراق، ماقالىدە چاۋشيەننىڭ يادرو قورالى ئارقىلىق چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

    ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قېرىنداشلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، ئۇرۇش شەكلى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ. چاۋشيەن داۋاملىق ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    ماقالىدە چاۋشيەن ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىش سەۋەبىنى ئامېرىكىغا ئارتىپ مۇنداق قارالدى: ‹‹ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش قارا نىيىتى ۋە تەلۋىلەرچە ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى›› چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يادرو ئۇرۇشىنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

    ماقالىدە يەنە چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش مەيدانى ئاقلاندى، ئامېرىكا چاۋشيەنگە قاراتقان ‹‹يادرو پوپوزىسى››نى كۈچەيتتى، دەپ ئەيىبلەندى، چاۋشيەننىڭ كۈچلۈك يادرو قورالى ئارقىلىق چەكلەش ئىقتىدارى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادرو ئۇرۇشىدىن ساقلاپ قالىدۇ، دەپ تەكىتلەندى. كورېيە چاۋشيەننىڭ يادرو تەھدىتىنى باھانە قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ، چاۋشيەنگە تەلۋىلەرچە ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكى قىلىۋاتىدۇ، دېيىلدى.

    ماقالىنىڭ ئاخىرىدا: ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ۋە بىر – بىرىنى نىشان قىلغان ھەربىي مانېۋىر ھازىرقى جىددىي ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغان ئاساسلىق سەۋەب ۋە جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتىكى توسالغۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى ۋە ‹‹قېرىنداشلارنى نىشان قىلغان ھەربىي مانېۋىر››نى توختىتىپ، قوراللىق توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشنىڭ مەنبەسىنى تۈگىتىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بۆسۈش ھاسىل قىلىش مۇراجىئەت قىلىندى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359767831