سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھىمايە قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

     سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ ئەزالىرى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: 2016 – يىلى سوت، تەپتىشتىن ئىبارەت ‹‹ئىككى مەھكىمە›› ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىنى كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ يىللىق خىزمەتلەردە قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشتىكى ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇ، يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتى.

    ئەزا شى يۇڭچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلارغا دېلو تۇرغۇزۇش، تەھقىقلەش ۋە سوت پائالىيىتىگە قاراتقان نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېلو بېجىرىش ئۈنۈمى ۋە جەمئىيەتنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشى، ئىككى مەھكىمە ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئەدلىيەنىڭ ئىناۋىتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشى، قانۇننىڭ نوپۇزىنى ئاشۇرۇشى، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ھوقۇق – مەنپەئەتكە كاپالەتلىك قىلىش، جامائەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېڭى ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھىمايە قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

    ئەزا جېن جېنباڭ مۇنداق دېدى: 2016 – يىلى ‹‹ئىككى مەھكىمە›› ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مۇقىملىققا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا زور تۆھپە قوشتى. ‹‹ئىككى مەھكىمە›› كادىر –ساقچىلارنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى تەربىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كادىر – ساقچىلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، دېلو بېجىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشتە قانۇنىي ئۈنۈم، سىياسىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    ئەزا جېلىل ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلدۇق، بولۇپمۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش، تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، ئاممىنىڭ دەۋا ئىشلىرىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ تەپتىش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز ئاشكارا بولۇپ، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش شەكلى ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، تۈرلۈك نازارەت قىلىش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا ئۆزگەردى. ‹‹ئىككى مەھكىمە›› قانۇن يۈرگۈزۈش ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش تۈزۈمىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇردى.

    ئەزا جېلىل ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى خىزمىتى يەنىلا زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى، دەۋادا يېڭىش ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى، تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قويۇق كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359767281