سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5–يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 3–قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن كېيىن 3 – قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى.

    يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا، يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزىتىلىپ، بارلىق ۋەكىللەرگە تارقىتىلدى؛ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تارقىتىلدى.

    يىغىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 – يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خامچوت لايىھەسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پىلان، خامچوتنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلات بارلىق ۋەكىللەرگە تارقىتىلدى؛ پىلان، خامچوت توغرىسىدىكى قارار لايىھە ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.

    يىغىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدا سايلىنىدىغان نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەن نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى؛ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھە ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى؛ ۋەكىللەرنىڭ بىرلىشىپ نامزات كۆرسىتىش ۋاقىت چېكى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىگە تارقىتىش قارار قىلىندى.

    يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن چۈەنگو، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل، ئىنام نەسىردىن، ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى پېڭ جيارۈي، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359767271