سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17–يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

    سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا، ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى پۇ شىيۈنىڭ كادىرلار سايلام ئىشلىرى توغرىسىدا بەرگەن ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەي جىجيېنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ كادىرلار ئىشلىرى ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ يىغىننىڭ سايلام چارىسى (لايىھە) ۋە باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئىسىملىكى (لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، قادىرقان مىراسقان، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم يىغىنغا قاتناشتى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359767201