سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹ھۆكۈمەتنىڭ بايلىق تەقسىملەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››نى بېسىپ تارقاتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-12

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان ‹‹ھۆكۈمەتنىڭ بايلىق تەقسىملەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››نى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن ئېلان قىلدى.

    سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، ھۆكۈمەت تەقسىملەيدىغان بايلىقلار، ئاساسلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ۋە ئومۇمىي خەلققە ۋاكالىتەن ئىگە بولغان تەبىئىي بايلىق، ئىقتىسادىي بايلىق ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بايلىقى قاتارلىق جامائەت بايلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹‹پىكىر››گە ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ بايلىق تەقسىملەش ئۇسۇلىدىكى بىرلا خىل بولۇش، مەمۇرىي خاراكتېرلىك تەقسىملەش ئۇسۇلىدا گەۋدىلىك مەسىلە بىر قەدەر كۆپ بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەشنىڭ ئىلمىي، مۇۋاپىق، ئۆلچەملىك بولغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك جامائەت بايلىقىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تۈر ۋە ساھەلەرگە بۆلۈپ، بايلىق تەقسىملەشنىڭ ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

    كونكرېت ساھەلەردە تەبىئىي بايلىق جەھەتتە مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئورنىتىشنى ئاساس قىلىپ، بايلىققا ھەقلىق ئېرىشىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ ئىقتىسادىي بايلىق جەھەتتە (ئاساسلىقى، پۇل مۇئامىلە تۈرىدىكى ۋە پۇل مۇئامىلە تۈرىدىن باشقا تىجارەت خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكىنى كۆرسىتىدۇ) دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئىچكى تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھاۋالە – ۋاكالەتلىك مۇناسىۋىتى تۈزۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالى شەكلىنى ئۆزگەرتىش مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئىجتىمائىي ئىشلار بايلىقى جەھەتتە (ئاساسلىقى، تىجارەت خاراكتېرلىك بولمىغان دۆلەت مۈلكىنى كۆرسىتىدۇ) بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىنى كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئادىل ۋە باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى بىلەن جايلارنىڭ يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە بازىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ئۆي – زېمىن بېجى، كۈتۈنۈش ۋە داۋالىنىش كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدىكى ئىزدىنىشنى قوللاش كېرەك.

    ‹‹پىكىر››دە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تارقاق تەسىس قىلىنغان تۈرلۈك جامائەت بايلىقى سودا سۇپىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى جامائەت مۇلازىمىتى فۇنكسىيەسىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشكە قويۇپ، باشقۇرۇش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قائىدە بىرلىككە كەلگەن، ئاشكارا – ئېنىق بولغان، مۇلازىمىتى ئۈنۈملۈك، نازارەتچىلىكى ئۆلچەملىك بولغان جامائەت بايلىقى سودا سۇپىسى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىلىرىغا تايىنىپ، سودىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئېلېكترونلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، سودىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنىڭ ئاشكارا بولۇشى ۋە ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. (تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359767191