سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تور دۇكىنى ئاچقانلار باج تاپشۇرامدۇ-يوق؟

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    «12-بەش يىل» مەزگىلىدە، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %30 تىن ئاشتى، 2015-يىلى سودا سوممىسى 2 ترىللىئون يۈەندىن ئاشتى، بازار كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 26 مىليون 900 مىڭغا يەتتى...بۇ سانلار ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئېلېكترون سودا ساھەسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. ھازىر ئالاقە تورىنىڭ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %7 كە يەتتى، شۇڭنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقە تورىنىڭ «ۋەھشىي ئۆسۈشى» گە ئەگىشىپ پەيدا بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەرمۇ تەدرىجى ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى نۇرغۇن تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىدە، ئېلېكترون سودا قانۇنى چىقىرىشنى ئۈمىد قىلغان. يېقىندا ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنىدا، ئېلېكترون سودا قانۇنى لايىھەسى رەسمىي قاراپ چىقىشقا يوللاندى.

    بۇ قېتىمقى ئېلېكترون سودا قانۇنىنى چىقىرىش ئارقىلىق، ئىلگىرى بىر تەرەپ قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىنىدۇ؛ مىكرو سودىسى، تور تاكسىسى قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ قانۇنىي ئورنىنى قانداق بەلگىلەش، ئىستېمالچىلار ساختا مالغا يولۇققاندا، توردا ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانداق قوغدايدۇ؟ سۇپىدىكى مال ساتقۇچىلارنىڭ باھانى غەرەزلىك ئۆستۈرىۋېلىشىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش...بۇ قېتىمقى قانۇن چىقىرىشنىڭ قىزىق نۇقتىسى ھەر بىر كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك.

    تور دۇكىنى ئاچقانلار سودا-سانائەت بويىچە تىزىملىتىپ، باج تاپشۇرامدۇ-يوق؟

    ئېلېكترون سودىسىدا سودا-سانائەت بويىچە تىزىملىتىش، باج تاپشۇرۇش كېرەكمۇ-يوق؟ بۇ، بۇ قېتىمقى قانۇن چىقىرىشتىكى نۇرغۇن سودىگەرلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلە، شۇنداقلا شۇ سەۋەبلىك قوللاشقا ئېرىشتى.

    بۇ قېتىمقى لايىھەدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئېلېكترون سودا تىجارىتى سۇبيېكتلىرى قانۇن بويىچە سودا-سانائەتكە تىزىملىتىشى كېرەك. بىراق قانۇن بويىچە ئىجازەتنامە ئېلىش زۆرۈرىيىتى يوقلار ماھارىتى بويىچە ئەمگەك مۇلازىمىتى، ئائىلىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ، ساتىدىغانلار ۋە قانۇن-نىزاملار بويىچە سودا-سانائەتكە تىزىملاتمىسىمۇ بولىدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. كونكرېت چارىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، لايىھەدە يەنە ئېلېكترون سودا تىجارىتى سۇبيېكتلىرى باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى ھەم مەخسۇس باج كىرىمى قانۇنى بويىچە باج كىرىمىدە ئېتىبار بېرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى بەلگىلەندى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359740311