سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پۈتۈن مەملىكەتتە تاشيوللار ۋە يېزا رايونلىرىدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىش ۋە تۆلەم بېرىش يولغا قويۇلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە تاشيوللار ۋە يېزا رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى تېز بىر تەرەپ قىلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تاشيوللار ۋە يېزا رايونلىرىدا يۈز بەرگەن يېنىك قاتناش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تۆلەم بېرىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، قاتناش ھادىسىسىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى ياكى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى كۈچەيتىۋىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

    ج خ مىنىستىرلىقى 2015 ـ يىلى 10-ئايدا تيەنجىن، لياۋ نىڭ، يۈننەن قاتارلىق ئون ئۆلكە ۋە باۋتۇ، جۇخەي، شىئەن قاتارلىق ئۈچ شەھەردە ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىغان قاتناش ھادىسىسىگە نىسبەتەن، ئاپتوموبىلنى قوزغاتقىلى بولسا، يەنە ئىككى تەرەپنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ھادىسىسى مەسئۇلىيىتى بويىچە مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى بار بولسىلا تېزدىن بىر تەرەپ قىلىش ۋە تۆلەم بېرىشكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇقتىدا سىناق قىلغان ئىدى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359740291