سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دۆلەت ئىمتىھانى مەمۇرلار يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى ئېلان

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    10-يانۋار دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەركەز ئورگانلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ 2017-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش يازما ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 10-يانۋار ئېلان قىلىنغان.

    دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى ئىمتىھان باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل لاياقەتلىك نومۇر چېكىنى بەلگىلىگەندە ھەم يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلارنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەقەللىي ساپاسى نەزەردە تۇتۇلدى، ھەم ئوخشىمىغان ۋەزىپە قاتلىمىدىكى مەمۇرلارنىڭ ئىقتىدارىغا بولغان ئوخشاش بولمىغان تەلەپلەر نەزەردە تۇتۇلدى، ئۆلكە دەرىجىلىك (مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن يۇقىرى خىزمەت ئورنى ۋە شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە (رايون) دەرىجىلىك خىزمەت ئورنىغا قارىتا، قاتلاملارغا بۆلۈپ نومۇر سىزىقى بەلگىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربىي رايونلار ۋە جاپالىق چەت رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئورۇنلىرىغا سىياسەت جەھەتتىن مەلۇم دەرىجىدە مايىللاشتۇرۇلدى.

    ئۆلكە دەرىجىلىك (مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن يۇقىرى خىزمەت ئورنىنىڭ ئىمتىھان لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى: ئومۇمىي نومۇرى 105تىن تۆۋەن بولماسلىقى ھەم مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش نومۇرى 60 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە (رايون) دەرىجىلىكلەرنىڭ ئىمتىھان لاياقەتلىك نومۇر چېكى: ئومۇمىي نەتىجىسى 95 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى ھەمدە مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش نومۇرى 50دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

    غەربىي رايونلار ۋە جاپالىق چەت - ياقا رايونلار (سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، جىلىن، خېيلوڭجياڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، چوڭچىڭ، گۇيجۇ، يۈننەن، شىزاڭ، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر)دىكى شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە (رايون) دەرىجىلىكلەرنىڭ لاياقەتلىك نومۇر چېكى: ئومۇمىي نەتىجىسى 90 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى ھەمدە مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش نومۇرى 45دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359740271