سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى ئېلان قىلىندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 10-يانۋار ھوقۇققا بىنائەن «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئېلان قىلدى، «پىكىر»دە خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس، ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپەتتىن كېيىن قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشكە، بىرلا خىل ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتىن ئاپەتنى ھەر تەرەپلىمە ئازايتىشقا ئۆزگەرتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەردىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېغىر ، پەۋقۇلئاددە زور تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، دۆلەتنىڭ ئاپەتنى ھەر تەرەپلىمە ئازايتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئېلىمىز دۇچ كېلىدىغان ئاپەت ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئاپەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاش يېتەرلىك ئەمەس، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئاپەتنى ئازايتىشقا سەل قاراش ئىدىيەسى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك، بەزى جايلاردىكى شەھەرلەردە يۇقىرى خەۋپ ساقلىنىپ، يېزىلاردا مۇداپىئە كۆرمەسلىك ئەھۋاللىرى تۈپتىن ئۆزگەرمىدى، ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە بازار مېخانىزمىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىدى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش تەشۋىق-تەربىيەسى ئومۇملاشمىدى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359740171