سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

گوۋۇيۈەن «<13-بەش يىل> مەزگىلىدىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق پىلانى» نى بېسىپ تارقاتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ قول قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «<13-بەش يىل> مەزگىلىدىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق پىلانى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىلان» دېيىلىدۇ)» نى بېسىپ تارقاتتى. «پىلان» دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنى قاپلايدىغان ئاساسىي داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، ھەممە كىشى ئاساسىي داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوتتۇرىچە ئۆمرى 2015-يىلىدىكى ئاساسىدا بىر ياش ئۆستۈرۈلۈپ، 77.3 ياشتىن ئاشۇرۇلىدۇ.

    «پىلان» دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىدە، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، توغرا بولغان سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىدا، پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەندىزىنى ئۆزگەرتىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، كاپالەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە قارىتىش ۋە بايلىقنى ئاساسىي قاتلاملغا يۈزلەندۈرۈشكە، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىيات شەكلىنى كېسەلنى داۋالاش مەركىزىدىن ساغلاملىق مەركىزىگە ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359740111